جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنلا جەنۇبىي موڭغۇلىيىدە ئاپتونومىيە يولغا قويۇلغان

0:00 / 0:00

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ئاپتونوم رايون رەئىسى ياڭ جىڭ ئەپەندى 'ئۆتكەن 60 يىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەمەلگە ئاشقان، باي-باياشادلىققا ئېرىشكەن 60 يىل بولدى، بۇ جەرياندا موڭغۇللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنمىدى' دەپ جاكارلىدى.

شىخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 1947 ‏- يىلىدىن 2007 ‏- يىلىغىچە بولغان 60 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان كۈنلەردە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ كوكخوت، ئۇلانخوت شەھەرلىرىدە، موڭغۇللارغا چىڭگىزخان دەۋرىنى ئەسلىتىدىغان نادام بايرىمى نۇسخىلىق پوچتا ماركىسى تارقىتىلغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چەتئەللەردىكى موڭغۇل پائالىيەتچىلىرىدىن ئەنكىباتو ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنلىرىدە ئېلان قىلىنغان نەزىرىيىلەرگە رەددىيە بېرىپ 'ئۆتكەن 60 يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جەنۇبىي موڭغۇلىيىنى بېسىۋېلىپ، بۇ زېمىندىكى موڭغۇل خەلقىغە يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت يۈرگۈزگەن 60 يىل بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەرياندا، بۇ زېمىندىكى موڭغۇللارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، نوپۇس سانىنى% 20 گە چۈشۈرۈپ قويدى ۋە موڭغۇل خەلقىنى كىشىلىك ھوقۇقىدىن، ئەقەللىي ئەركىنلىكىدىن، مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن، تۇرمۇش شەكلىدىن، مەۋجۇت بولۇپ ياشايدىغان زېمىنىدىن مەھرۇم قالدۇردى' دېگەن.

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ 60 يىل ئىچىدە 'ئاپتونومىيە' دېگەننى يوقۇتۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى

ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن دۈگۈرچاق ئەپەندى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان موڭغۇللارغا قاراتقان سىياسەتلىرى توغرىسىدا ئوبزور ئېلان قىلدى. دۈگۈرچاق ئەپەندى سۆزىنى ئۇيغۇرچە باشلاپ، ئېنگلىزچە داۋاملاشتۇردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە ، 1947 ‏- يىلى جەنۇبىي موڭغۇلىيىدە ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈلگەندە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېخى قۇرۇلمىغان.

ھازىرقى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئىچكى موڭغۇلىيە ئاپتونوم رايونى جۇڭگودا تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان ئاپتونوم رايونى ، جۇڭگونىڭ بىرقىسمى دېگەن سۈز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بۇ ئاپتونومىيە جۇڭگو تېخى قۇرۇلمىغان ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ سىرتىدا قۇرۇلغان ئاپتونوم رايون. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ مىللى ئاپتونومىيىنى بېسىۋالدى.

بۇ ئاپتونومىيە خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرغان 60 يىل مابەينىدە ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت، تىل -يېزىق ئەنئەنىسىدىن مەھرۇم قىلىندى. موڭغۇللار خىتايلارغا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىندى، ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقاتتى. موڭغۇللارنىڭ مىللىي غۇرۇرى باستۇرۇلدى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ 60 يىل ئىچىدە 'ئاپتونومىيە' دېگەننى يوقىتىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. خىتايدىكى ھازىرقى ئاپتونومىيىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ يامان ئەھۋالغا قالغان ئاپتونومىيە ‏- ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى.

ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇللارنىڭ ئەھۋالى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭكىدىن ناچار

ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن دۈگۈرچاق ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا، موڭغۇللارنىڭ ئەھۋالى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭكىدىن ناچار.

بۇنىڭ تارىخىي، جۇغراپىيىلىك سەۋەبلىرىدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مىللىي تەركىپ كۆپ بولغانلىقى؛ سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران قىلىنغاندىن كېيىن، مۇستەقىل بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋىتى يەنىلا ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقى، بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى تېز ۋەيران قىلىش ئۈچۈن تەدبىرسىز قالدۇرغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدىكى مىللىي كىملىك، مىللى بەلگە، مىللىي غۇرۇر تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك بولغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسى قەتئى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۆزىدىكى مىللىي بەلگىلەرنى موڭغۇللارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ساقلاپ قالالىدى.

ئەمما كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۆنىلىشى، كۆزلىگەن نىشانى ئۇيغۇرلارنىمۇ موڭغۇللاردەك پارچىلاپ ۋەيران قىلىشتىن ئىبارەت. ئىچكى موڭغولىيىنىڭ بۈگۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەتىسى.

موڭغۇللاردا ئۈمىد -ئارزۇ يوقالمىسىلا، ئۈمىد ھامان ئەمەلگە ئاشىدۇ

ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن دۈگۈرچاق ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى موڭغۇللارنى پارچىلاپ ۋەيران قىلدى ۋە ھەممە نەرسىسىدىن مەھرۇم قالدۇردى.

ئەمما موڭغۇللار ھازىر يەنىلا ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. موڭغۇل قېرىنداشلاردا ئۈمىد -ئارزۇ يوقالمىسىلا، ئۇ ھامان ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ھازىر ئىچكى موڭغۇلدا موڭغۇللارنىڭ نوپۇسى ئاران % 20 نى تەشكىل قىلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ يەر كۆلىمى 1 مىليون 180 مىڭ كۋادرات كىلومېىتر، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيىسىنىڭ % 12 نى تەشكىل قىلىدۇ، خىتايدا تېررىتورىيىسىنىڭ چوڭلىقى جەھەتتە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

2005 ‏- يىلىدىكى نوپۇس سانى 23 مىليون 860 مىڭ. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر ئىچكى موڭغۇلدا موڭغۇللارنىڭ نوپۇسى ئاران % 20 نى تەشكىل قىلىدۇ. (ۋەلى)