ئۇيغۇر ئېلىدە«مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» نى ئاختۇرۇشقا دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى مەسئۇل بولماقتا

خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" نىڭ DVD پلاستىنكىلىرىنى ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئۈرۈمچىدىن باشقا جايلاردىمۇ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئاختۇرۇشلارغا دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىنى ھەرىكەتلەندۈرگەن.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2011.03.01
on-sherti-305.jpg "ﻣﯘﻫﺎﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ 10 ﺷﻪﺭﺗﻰ" ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﯞﺍﺭﺍﻗﭽﯩﺴﻰ
http://www.10conditionsoflove.com/

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە باشلىغان، مەدەنىيەت بازارلىرىنى تەكشۈرۈش تەرتىپكە سېلىش باھانىسىدە ئامما ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» نىڭ DVD پلاستىنكىلىرىنى ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئۈرۈمچىدىن باشقا جايلاردىمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ  بۇ خىل ئاختۇرۇىشلارغا دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىنى ھەرىكەتلەندۈرگەنلىكى ئاشكارىلاندى. رابىيە قادىر خانىم بولسا "ئۈرۈمچى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدا ئېلىنغان بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ، ئەرەب دۇنياسىدا قوزغالغان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار ئەۋج ئېلىۋاتقان پەيتلەرگە توغرا كەلگەنلىكى، مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ مەقسىتىنىڭ ئاددى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ" دەيدۇ . بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بىزنى يەنىمۇ تولۇق مەلۇماتلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئىككى ‏- ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە مەدەنىيەت بازارلىرىنى تازىلاپ تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتى باشلىغان. بۇ جەرياندا يەنى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىغا قارايدىغان مەھەللىلەردە، بولۇپمۇ دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ، 10 -فېۋرال ئەتراپىدا دائىرىلەر ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم- «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» نىڭ DVD پلاستىنكىسىنى بايقىغان . دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 22- فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە خوتەندىن كەلگەن 23 ياشلىق خالمۇرات ئىمىن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر يىگىت ئۆيىدە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» نىڭ DVD پلاستىنكىلىرىنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ، ئەكسىلئىنقىلابىي مەزمۇندىكى ماتېرىياللارنى ساقلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان.

قولغا ئېلىنغۇچى خالمۇرات ئىمىننىڭ ئەھۋالى، ئۇنىڭ قانداق جىنايەتلەر بىلەن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە يەنىمۇ ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلاشتۇق. تەڭرىتاغ رايونىغا قاراشلىق بىر ساقچىخانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ساقچى، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» نىڭ DVD پلاستىنكىلىرىنى ئاختۇرۇش ھەرىكىتىنى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى بىۋاستە مەسئۇل بولۇپ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەكسىلئىنقىلابىي ھەرىكەت ۋە دۆلەت مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك دېلولارغا نۆۋەتتە يېڭىدىن قۇرۇلغان دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى مەسئۇل ئىكەن.

ھالبۇكى، بۇنىڭ ئالدىدا رادىئومىز گۇاڭدۇڭ بۆلۈمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىغان ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق كوچا باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىكى بىر خادىم تەكشۈرۈشنى شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى بىلەن شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

قەشقەر ، خوتەن ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى ساقچى دائىرىلىرىگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن ، قانۇنسىز نەشر بۇيۇملارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ھەممىلا جايدا ئوخشاش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى دەلىللەندى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» DVDسىنى ئاختۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەڭ باشلىغان بۇ قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى يالغۇز ئەكسىلئىنقىلابىي نەشر بۇيۇملىرىنى تازىلاشقا قارىتىلغان بولماستىن، نۆۋەتتىكى دۇنيا سىياسىي ۋەزىيىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى:

گەرچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىملىق قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش ياكى خەۋەر ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى يەرلىك ئۇچۇر تور بەتلىرىدىن ئۈرۈمچىدىن باشقا جايلاردىمۇ بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ خېلى بۇرۇنلا باشلانغانلىقى مەلۇم.
خوتەن ئامانلىق تورىدا -25 يانىۋار تارقىتىلغان خەۋەردە، خوتەن قارىقاش ناھىيىسىنىڭ يېزا، كەنتلىرىگىچە مەدەنىيەت بازارلىرىنى تازىلاپ تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ، دائىرىلەرنىڭ بىر قىسىم قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى مۇسادىرە قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمما، تەكشۈرۈشنىڭ «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» نىڭ ئۈرۈمچىدە بايقىلىشى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.