
چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خىتاينىڭ سودا رېكورتى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تىرىشچانلىقىدا گۇمان بار
يىغىندا سۆز قىلغان ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن سودا ۋەكىلى كاران باتىئا، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدە بىر "يېڭى دەۋر" گە قەدەم قويغانلىقىنى ئېيتتى:
"بۇ يېڭى دەۋر خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان ئۆتكۈنچى مەزگىلىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن ھەمدە جىددىي ھەرىكەت قوللىنىپ بۇ تەشكىلاتتىكى ئىشەنچلىك بىر ئەزاغا ئايلىنىش مەزگىلىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنداقلا خىتاي يەنە خەلقئارا سودا سېستىمىسىغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك".
باتىئا سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي تەرەپ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتىكى قانۇن-بەلگىلىمىلىرىدە ئازراق ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تېخىچە ئۇنىڭ ئۈنۈمى ياخشى كۆرۈلمىگەن. يىغىندا باتىئا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەتتا ئامېرىكىنىڭ تېلېگراف-ئالاقىغا ئوخشاش بىر قىسىم مۇلازىمەت سانائەتلىرىنىڭ خىتايغا كىرىشىنى توسۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. شۇنداقلا خىتاي يەنە، ئامېرىكىدىن كالا گۆشى ئىمپورت قىلىشنىمۇ چەكلىگەن.
خىتاينىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىگە سۇئال قويىدىغان ياخشى بىر پۇرسەت
بىز دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا سۇنۇش ئېھتىماللىقى بولغان بىر قانچە ئەرزلەرگە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشقا توغرا كەلسە، بىز بۇنى سۇنۇشتىن ھەرگىز ئىككىلەنمەيمىز.
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن سودا ۋەكىلى باتىئا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ پەقەت بولمىغاندا بېسىم ئارقىلىق ئادا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى:
"بىز دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا سۇنۇش ئېھتىماللىقى بولغان بىر قانچە ئەرزلەرگە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشقا توغرا كەلسە، بىز بۇنى سۇنۇشتىن ھەرگىز ئىككىلەنمەيمىز".
باتىئا يەنە، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ پرىنسىپلىرى بويىچە خىتاي ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكشۈرۈشنىڭ بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتىپ، "بۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۈچۈن، خىتاينىڭ مەسئۇلىيەتلىرىگە ھەمدە ئەزا بولۇش ئالدىدا بەرگەن ۋەدىلىرىگە سۇئال قويىدىغان ياخشى بىر پۇرسەت" دېدى. ئۇ يەنە، بۇ تەكشۈرۈش يىغىنىدا خىتاينىڭ بىر يۈرۈش كەسكىن سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا-خىتاي سودا كېڭىشىنىڭ رەئىسى جون فرىسبىمۇ مەزكۇر يىغىندا گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي سودىسىنىڭ پايدىسىنى تونىغان پەيتتە، يەنە بىر قاتار ھەل بولمىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە 4-ئاينىڭ 11- كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان ئامېرىكا-خىتاي سودا بىرلەشمە كومىتېتى يىغىنىدا 2 مەسىلىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا مۇنازىرە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىرى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"بۇ ئامېرىكىدىكى سودا شىركەتلىرى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ئالدىنقى مۇھىم مەسىلە. ئەقلىي مۈلۈكنى ئوغرىلاش، چىداپ تۇرغىلى بولىدىغان بىر ئىش ئەمەس. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز يەنە شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بۇ بىر كۈندىلا ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەس".
خىتاي ھۆكۈمىتى پۇلنىڭ قىممىتىنى ئەركىن بازارنىڭ بەلگىلىشىگە قويۇپ بېرىشى كېرەك
جون فرىسبى، خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈكنى ئوغرىلاش ئەھۋالىنى ئازايتىش جەھەتتە توختاپ قالماستىن داۋاملىق تۈردە كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. فرىسبىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپرىلدىكى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا تېگىشلىك ئىككىنچى مەسىلە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى توختىتىش مەسىلىسىدە كۈچ چىقارمايۋاتقانلىقى مەسىلىسى بولىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇلنىڭ قىممىتىنى ئەركىن بازارنىڭ بەلگىلىشىگە قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى:
"خىتاي تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، سودا داۋالغۇشى ئارقىلىق كېلىپ چىقىدىغان بازار تەسىرىنىڭ پۇلنىڭ قىممىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشىگە يول قويۇشى كېرەك".
مەزكۇر كومىتېت ئەزاسى ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى چارلىز گراسلېيمۇ بۇ يىغىندا گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 4-ئايدا ئامېرىكىغا زىيارەتكە كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ بىر يۈرۈش سودا ماجىرالىرىنى تېز ھەل قىلىش لازىملىقىنى كۆرسىتىش زۆرۈرلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، " بىز خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن سىرت يەنە، ئۆزىمىزنىڭ سودا ھوقۇقىدا چىڭ تۇرۇشقا پۇختا تەييارلىق كۆرۈشىمىز كېرەك" دېدى. (پەرىدە)