كانادانىڭ بىشوپ ئۇنىۋېرسىتىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى


2006.04.21

ئالدىنقى كۈنى، كانادانىڭ كۈبەك ئۆلكىسىگە جايلاشقان بىشوپ ئۇنىۋېرسىتىدا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى Alex Newe "خىتاينىڭ ئىختىسادىي جەھەتتىن باش كۆتۈرۈشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ بارغانسىرى ناچارلىشىشى "دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى .ئۇ دوكلاتىدا نوختىلىق ھالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر ھالدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا كۈبەك ئۆلكىسىدە ئولتۇرۇشلۇق مۇھەممەت تۇرسۇن ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇن مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان مۇھەممەت تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.