
ئىستانبۇل مارمارا ئۇنىۋېرىسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇللاھ باقىر يازغان "شەرقىي تۈركىستان مىللى مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ۋە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ناملىق كىتاپ شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.
كىتابتا كىتابتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، خىتايلار تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنىشى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ بالىلىق چەغىدىن تارتىپ ۋاپات بولغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ھاياتى ئەتراپلىق بايان قىلىنغاندىن.
كىتابنىڭ قوشۇمچە قىسمىدا دۇنيادا مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلارنىڭ تىزىملىكى، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ چەتئەل رەھبەرلىرى بىلەن بولغان خەت ئالاقىلىرىنىڭ ئورگىنالى ۋە مۇھىم ئەربابلار بىلەن چۈشكەن رەسىملىرى، دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن. 1940-يىلى ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىدە يېزىلغان "شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشى تۈگىدىمۇ؟" دېگەن ماقالىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بېرىلگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم كىتابنىڭ ئاپتورى ئابدۇللا باقىر ئەپەندىنى تېلېفون زىيارىتى قىلدى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.