رابىيە قادىرنىڭ ئىنىسى مۇھەممەد قادىرنىڭ ئۆيى ساقچىلار تەرىپىدىن ئاختۇرۇلدى


2005.08.25
rabiya-sidiq-200.jpg
17-مارت رابىيە قادىر خانىم ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان ئىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدىلار، پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ مەشھۇر رەھبىرى رابىيە قادىرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلىگەن كۈنى، خىتاي ساقچىلار ئۈرۈمچىدە رابىيە قادىرنىڭ ئىنىسى مۇھەممەد قادىرنىڭ ئۆيىنى ئاقتۇردى.

مۇھەممەد قادىرنىڭ ئۆيى رابىيە قادىر سودا سارىيىنىڭ ئارقىسىدىكى "ئەقىدە شىركىتى" نىڭ ئائىلىلىكلەر بىناسىدا ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە، ساقچىلار پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن مۇھەممەد قادىرنىڭ تۈركىيىگە ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدىكى پەرۇخ مۇھەممەد، قۇزات مۇھەممەد ئىسىملىك ئوغۇللىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا ئېلىپ بېرىپ سوراق قىلغان. سوراقتىن كېيىن ساقچىلار ئۇلارنىڭ ئۆيىنى ئاقتۇرۇپ، پەرۇخ ۋە قۇزاتلارنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالدى. ئۇلار مۇشۇ شەنبە كۈنى تۈركىيىگە ماڭماقچى ئىدى.

قانۇنىي رەسمىيەتسىز ئۆي ئاختۇرۇش

بىز جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى تەمىنلىگەن مەلۇمات بويىچە مۇھەممەد قادىرنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ، ئۆيدىكى ساقچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدۇق. ئۆي ئىگىسى تېلېفونىمىزنى ئالغاندا سائەت ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 11:00 لەر بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ساقچىلار تېخىچە مۇھەممەد قادىرنىڭ ئۆيىدىن كەتمىگەن ئىكەن. ساقچىلار تېلېفونىمىزنى ئېلىشنى رەت قىلدى. ئەمما بىز رابىيە قادىرنىڭ ئوغلى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تالاش - تارتىشقا گۇۋاھچى بولدۇق.

ئىگىلىشىمىزچە، رابىيە قادىرنىڭ ئىنىسىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرغان ساقچىلار، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تاشقى ئىشلار بۆلۈمىدىكى خادىملار ئىكەن. رابىيە قادىرنىڭ جىيەنلىرى قۇزات ۋە پەرۇخ مۇھەممەدلەر، ئىلگىرى جوڭگو مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتېتى ۋە شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى.

رابىيە قادىرنىڭ جىيەنلىرىنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋېلىش ۋە ئۆيىنى ئاختۇرۇش ۋەقەلىرى ۋاقىت جەھەتتىن نازۇك بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. ۋەقە يۈز بەرگەن شۇ كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدىلار بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، رابىيە قادىرنى ئۈرۈمچىدىكى مال - مۈلكى ۋە بالا - چاقىلىرىنى چەتئەلگە ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىگەن. ۋاڭ لېچۈەن، "رابىيە قادىر شىنجاڭدىكى پەرزەنتلىرىنى كونترول قىلىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مال - مۈلكىنى پۇلغا ئايلاندۇرۇش، بايلىقىنى چەتئەلگە ئېلىپ چىقىپ كېتىش، بالا- چاقىلىرىنى چەتئەلگە ئورۇنلاشتۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرمەكتە،" دېگەن. ۋاڭنىڭ تەكىتلىشىچە، رابىيە قادىرنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئەمما ۋاڭ لېچۈئەننىڭ سۆزى رابىيە قادىرنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى ئەقىدە روزىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

ۋاڭ لېچۈەن رابىيە قادىرنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيىدىكى يىغىنىدا ئۈچ خىل كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى پىلانلاش بىلەن ئەيىپلىمەكتە. ۋاڭ لېچۈەن "ئۇلار بىزنىڭ 50 يىللىقىمىزنى تەبرىكلەش پائالىيىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى، ئەمما بىز ئۇلارنىڭ ئۇنداق قىلىشىغا يول قويمايمىز. بىز ئالدىنئالا زەربە بېرىشىنى كۈچەيتىمىز،" دەيدۇ.

خىتاينىڭ مەقسىتى رابىيە خانىمنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈش

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بولسا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قانات يايدۇرۇلىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ، "خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس،" دەپ كۆرسەتتى. دىلشات رىشىتنىڭ تەكىتلىشىچە، ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزى قىپ - قىزىل تۆھمەتكەن. دىلشات رىشىت "خىتاينىڭ مەقسىدى رابىيە قادىرنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈش، ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزى رابىيە قادىرنىڭ شەخسىيىتىگە قارىتىلغان ھۇجۇم ،" دېدى.

كىم ئۇر - ئۇرغا قالدى؟

ئىسمايىل تىلىۋالدى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۆلگۈنچىلىك پىكىر ئېقىمىدىكى يازغۇچىلارغا رەھىم - شەپقەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، يازغۇچى نۇرمۇھەممەد ياسىن ۋە توختى مۇزارتلارنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسىنى ئاقلاپ، "شىنجاڭدا ئۇلارنى ھېچكىم قوللىمايدۇ شۇنداقلا ئۇلارغا كوچىدىكى چاشقان ئۇر - ئۇرغا قالغان مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ،" دېگەن. ئەمما دىلشات رىشىت، "ئەسلى ئىسمايىل تىلىۋالدى خەلقىنىڭ ۋىجدانىدا كوچىدا قالغان چاشقانغا ئوخشاش ئۇر - ئۇرغا قالدى،" دەيدۇ.

يېڭىدىن چېلىنغان كونا مۇقام

بۇ قېتىمقى رابىيە قادىرنىڭ جىيەنلىرىنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋېلىش، ئىنىسىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇش ۋەقەلىرى، رابىيە قادىر ئامېرىكىغا كەلگەندىن بېرى ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋاباتى دۇچ كەلگەن بىردىن بىر ۋەقە ئەمەس. بۇنىڭدىن ئىلگىرى رابىيە قادىر سودا سارىيى ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۇچرىغان. ئوغلى ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىنىپ، رابىيە قادىرنىڭ كاتىپى ۋە شىركەت دېرىكتورى قولغا ئېلىنغان. شىركەتنىڭ بارلىق توختامنامە ۋە ھۆججەتلىرى ساقچىلار تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان ئىدى.

رابىيە قادىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بۇ قېتىم پاسپورتى تارتىۋېلىنغان ئىككى جىيەنى، ئۇ 1998 - يىلى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن سىياسى كەمسىتىش سەۋەبلىرى تۈپەيلىدىن مەكتەپتىن قالغان. ئۇلار يېقىندا تۈركىيىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتىتقا قوبۇل قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، مۇشۇ شەنبە كۈنى يولغا چىقىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان ئىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.