تەڭرىتاغ مۇز چوققىلىرىمۇ ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن بۇلغاندى


2004.10.26

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەڭرىتاغ مۇز چوققىلىرىنى كۆزۈتۈش تەتقىقات مەركىزىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مۇز چوققىلىرىنى كۆزۈتۈش مەركىزىنىڭ خادىملىرى يېقىندا، تەڭرىتاغ چوققىلىرىدىكى قار- مۇزلارنىڭ ئېرىش سۈرئىتى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى يىققىلى چىققىنىدا، دېڭىز يۈزىدىن 4 مىڭ بىر يۈز مېتىر ئىگىزلىكتىكى بىرىنچى نومۇرلۇق مۇز چوققا دەپ نام ئالغان بۇغدا چوققىسىغا ئورناتقان تەجرىبە، تەتقىقات ئۈسكۈنىلىرىنىڭمۇ ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن قومۇرۇلۇپ كېتىلگەنلىكىنى، بەزىلىرى سۇندۇرۇلۇپ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، ھەمدە ئەڭ مۇھىمى مۇزلۇقلارنىڭ تەتقىقاتىدا قىممەتلىك بولغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. بۇنىڭ بىلەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەڭرىتاغ مۇز چوققىلىرىنىڭ ئېرىش ھالىتى ھەققىدە مۇھىم بىر ئىستاتىستىكىلىق تەتقىقات ماتېرىيالىدا بوشلۇق پەيدا بولغان.

ساياھەتنىڭ ئەكس رولى

تەتقىقاتچى ئىنجېنېرلار، بۇ مۇز چوققىغا چىقىش جەريانىدا، ساياھەتچىلەرنىڭ تاشلىغان قۇرۇق بوتۇلكا، پىلاستىك خالتا، تاماكا قۇتىسى، قەغەز دېگەندەك ئەخلەتلەرنى يول بويى ئۇچراتقان.

تەڭرىتاغ مۇز چوققىلىرىنى كۆزۈتۈش تەتقىقات مەركىزىدىكى بۇ خادىمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدىكى ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭلا ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىدا ئېغىر بۇلغىنىشلار كۆرۈنۈپلا قالماي، قار مۇز چوققىلىرىنىڭمۇ قارا قويۇق ساياھەتچىلىككە ئېچىۋېتىلىشى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىم سۇ مەنبەسى بولغان بۇ مۇز چوققىلارنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز زىيانغا ئۇچراتماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ ئۈرۈمچىگە يېقىن بولغان بۇغدا چوققىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ھەممىدىن ئېغىر بولماقتا ئىكەن.

دېھقانچىلىقنىڭ سۇ مەنبەسى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىمۋولى بولغان ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغلىرىنىڭ پەقەت 4000 مېتىردىن ئىگىز چوققىلىرىلا قىشمۇ ياز قار-مۇزلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ٪ 60 ئەتراپىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى تەڭرىتېغىنىڭ مۇشۇ قار مۇز سۇلىرىغا تايىنىدۇ. تەڭرىتاغ سىستېمىسىنىڭ شەرقىي قىسىم تېغى بولغان، بۇغدا چوققىسىنىڭ ئەڭ ئىگىز نوقتىسى 5445 مېتىر بولۇپ، ئۇنىڭغا 1- نومۇرلۇق مۇز چوققا دىگەن نام بېرىلگەن. بۇغدا تېغى باغرىغا يەنە دۇنياغا مەشھۇر بۇغدا كۆلى جايلاشقان بولغاچقا، بۇ جاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ نۇقتىلىق ساياھەت ئورۇنلىرىدىن بولۇپ كەلمەكتە.

يەرلىك ساياھەت ئورۇنلىرى بۇغدا ساياھەت رايونىدىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۆپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، بۇ جاينىڭ تازىلىق مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرى ۋە تۈزۈلمىلىرى ناھايىتى كەمچىل ئىكەن.

دائىملىق ئىش

ئىيوندا تەڭرىتاغ تور بېتىدە بۇغدا چوققىسىدىن 6 توننا ئەتراپىدا ساياھەتچىلەر تاشلىغان ئەخلەتلەر بايقالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدى. گەرچە ئۇ نۆۋەت بۇ ئەخلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە بەزى خالىس كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن تازىلانغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ ئەمما، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇغدا ئېتەكلىرى ھەتتا مۇز چوققلىرىدىكى مۇھىت بۇلغىنىش يەنە داۋاملاشماقتا ئىكەن.

بۇ ھەقتە ئۈرۈمچىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ياش ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ مۇھىت بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىشىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆپلەپ كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پۇلنىڭ ئورنى

نۆۋەتتە تەڭرىتېغىنىڭ قارلىق چوققىلىرىنىڭمۇ ساياھەتچىلىككە ئېچىۋېتىلىشى، تەڭرىتاغ مۇز چوققىلىرىنىڭ ھالىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئىنجېنىرلارنى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، ئۇلار "ساياھەتچىلىككە مەسئۇل ئورۇنلار، پەقەت پۇل تېپىشنىلا كۆزلەپ، مۇھىتنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىدۇ، نۆۋەتتە ئالاھىدە قوغدۇلۇشقا تېگىشلىك جايلارمۇ قارا قويۇق ساياھەتچىلىككە ئېچىۋېتىلىپ، تەسۋېرلىگۈسىز زىيان ئېلىپ كەلمەكتە، بۇ ھەقتە باشقۇرۇش كۈچەيتىلمىسە ئاقىۋېتى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ" دەپ بىلدۈرمەكتە. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.