خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى خىتاي ئىقتىسادىغا زور تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە
2005.11.04
يېقىندا "دۇنيا ئاۋانگارتلىرى مۇلاھىزە مۇنبىرى" ناملىق گېزىتتە، "قەد كۆتۈرىۋاتقان خىتاينى ئەمەلىيەتتە مەينەتچىلىك باسماقتا" دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدا خىتايدىكى سۇ ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا زور تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مۇھىت بۇلغىنىش ئېغىر دەرىجىگە يەتكەن
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ مۇھىتنى ئاسىراش ساھەسىدىكى ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى يېقىندا خىتايدىكى مۇھىت مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ "ئەگەر بۇ ھەقتە جىددى چارە -تەدبىرلەر قوللىنىلمايدىكەن، 15 يىل ئىچىدە خىتايدىكى سۇ ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى ھازىرقىدىن ھەسسىلەپ ئېغىرلىشىدۇ" دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
ماقالىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى مۇھىت مەسىلىسى پەقەت ئىقتىسادىي مەسىلىلا بولۇپ قالماي، بەلكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىگە ئايلانغان. بولۇپمۇ خىتاينىڭ يېزا رايونلىرىدا، سۇنىڭ بۇلغىنىشى زىرائەتلەرنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ سالامەتلىكى زور تەھدىتكە ئۇچرىغان.
"قەد كۆتۈرىۋاتقان خىتاينى ئەمەلىيەتتە مەينەتچىلىك باسماقتا" دېگەن تېمىدىكى بۇ ماقالىدا، " خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچبولمىغاندا دۆلەتنىڭ پايتەختى بېيجىڭنىڭ ھاۋاسىنى بولسىمۇ ساپ قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك، ئەگەر بۇنداق قىلمايدىكەن، 2008 - يىلى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئولىمپىك يىغىندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ناھايىتى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن.
خىتايدا پۇل تېپىش مۇھىم ئورۇندا قويۇلغان
ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى خىتايدىكى مۇھىت مەسىلىسىنىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىگىنى تەكىتلەپ، "بۇنداق بولۇشى خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى بېر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ تېرىلىشى بىلەن كارى بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان " دەپ كۆرسەتتى،
يېقىندا خىتاينىڭ مۇھىتنى ئاسراش ساھەسىدىكى ئالى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ھازىر خىتايدىكى شەھەر نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بۇلغانغان ھاۋادا ياشاۋاتقانلىقىغا ئىقرار بولغان.
"دۇنيا ئاۋانگارتلىرى مۇلاھىزە مۇنبىرى" ناملىق گېزىتتە ئېلان قىلىنغان ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتاي زېمىنىنىڭ 3 تىن بىر قىسمىدا پۈتۈنلەي كىسلاتالىق يامغۇر ياغىدىكەن شۇنداقلا ھەر يىلى خىتايدا ھاۋانىڭ بۇلغۇنۇشىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئادەملەر سانى 400 مىڭدىن ئاشىدىكەن.
مۇھىت بۇلغىنىش كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى، "خىتايدا ھازىر بىر قىسىم چۆل ۋە قۇملۇق رايونلاردىن باشقا، ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىلا شەھەرلەر بۇلغىنىپ بولغان، يېزا رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۇمۇ پۈتۈنلەي بۇلغانغان. بۇ خىل بۇلغىنىشنىڭ تەركىبىدە تۈرلۈك راك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان رادىئاكتىبلىق ئېلېمېنتلار بار" دەپ بىلدۈردى،
ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا يەنە خىتايدىكى سۇ ۋە ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغانلىقىدىن، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىكلەرنىڭمۇ خەتەرلىك بولۇپ قالغانلىقىنى، شۇڭا ھەتتا ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت دۆلەتلەردە كىشىلەر خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى،
ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، "مۇھىت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، خىتاي ھۆكۈمىتى بەكمۇ كېچىكتى. چۈنكى 20 يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش جەريانىدا، خىتايدا مەيلى ھاۋا بولسۇن ياكى سۇ ۋە تۇپراق بولسۇن، ھەممىسى دىگىدەك ئىنتايىن قورقۇنچلۇق دەرىجىدە بۇلغىنىشقا ئۇچرىدى" دەپ كۆرسەتتى، (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا خەلق ئارىسىدىكى مۇھىتنى ئاسراش پائالىيەتچىسى تەن كەي قولغا ئېلىندى
- خىتايدا ھەر يىلى 400 مىڭ كىشى ھاۋا بۇلغىنىشىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ
- بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا موڭغۇل مەدەنىيىتى يوقىلىشقا يۈزلەنگەن (3)
- بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا موڭغۇل مەدەنىيىتى يوقىلىشقا يۈزلەنگەن (2)
- بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا موڭغۇل مەدەنىيىتى يوقىلىشقا يۈزلەنگەن (1)
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قار لەيلىسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا
- تارىم دەرياسىنىڭ ھازىرقى ئىكولوگىيىلىك بارغانسېرى ناچارلاشماقتا
- ئۈرۈمچىدىكى شىمىگو دەرياسى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانماقتا