خىتايدىكى مۇھىت مەسىلىلىرى كىشىنى چۈچۈتىدۇ


2006.01.26

خىتاي مۇھىت قوغداش مىنستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى پەن يۈ، "دەر شىپىگەل" ژورنىلى مۇخبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە خىتاينىڭ كەلگۈسىنى ناھايىتى قاراڭغۇ تەسۋىرلىگەن.

پەن يۈ، مۇخبىرنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى مەسىلسى توغرسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئەلۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىدىن خۇرسەنمەن.ئەمما ئىقتىسادىي جەھەتتكى تېز تەرەققىياتنىڭ مىنى قاتتىق ئەندىشىلەندۈرىۋاتقان تەرەپلىرىمۇ بار. چۈنكى بىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ خام ئەشيالىرىمىزنى قۇربان قىلماقتىمىز. مەسىلەن، بىز 10 دوللارلىق تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ياپونىيىدىن يەتتە ھەسسە، ئامېرىكىدىن 6 ھەسسە ھەتتا ھىندىستاندىن ئۈچ ھەسسە كۆپ خام ئەشيا ئىشلىتىۋاتىمىز. ۋەزىيەتنىڭ بۇنداق داۋاملىشىشى مۇمكىن ئەمەس.

خىتاي: نوپۇسىمىز كۆپ، خام ئەشيا كەمچىل

خىتاينىڭ خام ئەشيا مەنبەلىرىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن خىتاي مۇھىتنى قوغداش مىنسىتىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنستىرى پەن يۈ مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ نوپۇسىمىز ئىزچىل كۆپىيىۋاتىدۇ. لېكىن يەر مەيدانىمىز چەكلىك. ھازىر خىتايدا 1 مىليارد 300 مىليون كىشى ياشايدۇ. بۇ سان 50 يىل بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسە كۆپ. 2020‏- يىلىدا خىتاينىڭ نوپۇسى بىر مىليارد 500 مىليون كىشىگە يېتىدۇ. شەھەرلەر كېڭىيىشى بىلەن بىرلىكتە چۆللىشىشمۇ كېڭىيىپ، ئۆتكەن 50 يىل ئىچىدە خىتايدىكى تىرىلغۇ يەر مىقدارى 50% ئازايغان.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ‏- دەيدۇ پەن يۈ گېرمانىيىنىڭ دەر شىپىگەل ژورنىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە،‏ بۈگۈنكى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تېز تەرەققىيات ئۇزۇنغا بارماي توختايدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ مۇھىت شارائىتى بۇنى كۈتۈرەلمەيدۇ. نۆۋەتتە خىتاي زېمىنىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىدا كىسلاتالىق يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. خىتايدىكى 7 چوڭ دەريا سۈيىنىڭ يېرىمى پۈتۈنلەي بۇلغانغان بولۇپ، ئۇنى ئىشلىتىش مۇمكىن ئەمەس. خىتاي شەھەرلىرىدىكى ئاھالىنىڭ ئۈچتىن بىرى زەھەرلىك ھاۋادىن نەپەئىسلىنىۋاتىدۇ. شۇنداقلا خىتايدا ئەخلەتلەرنىڭ پەقەت 20% تىن ئاز بىر قىسمى مۇھىت قوغداش قائىدىلىرىگە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ.

150 مىليون كىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇدىغان جاي يوق

خىتايدىكى مۇھىت بولغىنىش ئەھۋالىنىڭ جىددىي بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن خىتاي مۇھىت قوغداش مىنسىتىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنستىرى، خىتايدا ھاۋا ۋە سۇنىڭ جىددىي دەرىجىدە بۇلغانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ يىللىق مىللىي كىرىمىنىڭ 15% كە يېقىن قىسىمى مۇھىت بۇلغىنىشىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىنىۋاتىدۇ، دېدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پەقەت بېيجىڭدىلا راك كىسەللىكىنىڭ 70% -80% ئى مۇھىت بۇلغىنىشىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن.

خىتاي مۇھىتنى قوغداش مىنسىتىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنستىرى پەن يۈ يەنە مۇنۇلارنى دېگەن: "ھەتتا ھازىرمۇ مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي تەرىپى ئېكولوگىيە جەھەتتىن قاتتىق بېسىم ئاستىدا قالغان رايونلار، بۇ رايونلاردىكى ئاھالىلار ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. كەلگۈسىدە بىز 22 ئۆلكە ۋە شەھەردىن 186 مىليون كىشىنى باشقا رايونلارغا يۆتكەشكە مەجبۇر بولىمىز. لېكىن خىتايدىكى باشقا ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە پەقەت 33 مىليون كىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مۇمكىن. دېمەك قالغان 150 مىليون كىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇدىغان جاي يوق.

خىتايدا ھېلىمۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى پۈتۈن مەسىلىلەرنىڭ ئاچقۇچى دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى بەلگىلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن پەن يۈ، ئەگەر بىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ماسلاشتۇرۇپ، سىياسىي ئىسلاھاتنى بىرلىكتە ئېلىپ بارمىساق، سىياسىي كرىزىس خەتىرىگە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر كەمبەغەل ۋە بايلار ئوتتۇرىسىدىئىكى پەرق تېخىمۇ كۆپەيسە، خىتايدىكى ھەر قايسى رايونلار ھەمدە پۈتۈن خىتاي مۇقىمسىزلىق گىرداۋىغا چۈشۈپ كېتىدۇ، دېدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.