خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىت مەسىلىسى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا
2006.07.12
خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىت مەسىلىسى بارغانسېرى ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
ھازىر خىتايدىكى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىت مەسىلىسى دۇنيانىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان.
يېقىندا شۋېتسىيىدە 46 دۆلەت ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان ياۋروپا كومىتېتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىت مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغۇچى شۋېتسىيە پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى لىندا بلاد ئەپەندى بولۇپ، ئۇ بۇندىن ئىلگىرىكى ئېچىلغان ياۋروپا كومىتېتى يىغىنىدا ماقۇللانغان كوممۇنىست دىكتاتور تۈزۈمىنى ئەيىبلەش قارارىنىڭ ئاپتورى ئىكەن.
بۇ قېتىم شۋېتسىيىدە ئېچىلغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىت مەسىلىسى ھەققىدىكى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىدىن سەككىزى قاتناشقان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ھالەتتە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى مۇتەخەسسىس ۋە گۇۋاھچىلار تەرىپىدىن تۈرلۈك ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق بىر - بىرلەپ ئاشكارىلانغان.
مەسىلەن يېقىندا مەتبۇئاتلاردا پاش قىلىنغان خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرىنىڭ خالىغانچە ئېلىپ سېتىلىش مەسىلىسى، بولۇپمۇ فالۇنگوڭ ئەزالىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىيىن - قىستاققا ئېلىنىشتىن باشقا يەنە ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ خالىغانچە ئېلىپ تاشلىنىۋاتقانلىقى گۇۋاھچىلار تەرىپىدىن دەلىل ئىسپاتلار ئارقىلىق پاش قىلىنغان.
شۋېتسىيىدە ئېچىلغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىت مەسىلىسى ھەققىدىكى بۇ خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا شۋېسىيىدە تۇرۇشلۇق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان. گەرچە ئۇ سالامەتلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر يىغىن ئۈچۈن تەييارلىغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىت مەسىلىسى ھەققىدىكى ماتېرىياللىرىنى تولۇق يوللاش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان مەزكۇر رايوندىكى ئىنسان ھوقۇقنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا مەزكۇر رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىرىمىز مېھرىبان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئىقتىسادىدىكى يوشۇرۇن مەخپىيەتلىك
- خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھىتنى قوغداش ھەققىدە مەخسۇس ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى
- يەر شارىنىڭ كىلىماتىدىكى بىنورمال ئىللىش قانداق بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟
- ئۇيغۇر ئېلىدە ھاۋارايىدىكى نورمالسىزلىق ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلدى
- ھاۋارايى ئۆزگىرىشلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقلەرنىڭ تۇرمۇش ھەم سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى