بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇلغانغان سۇ مەسىلىسى ھەققىدە يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى


2006.11.13

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بۇ يىللىق دوكلاتتا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دېگىدەك ئىچىملىك سۇنىڭ ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇ خىل بۇلغىنىشنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشتە مىلتىق ئوقىدىنمۇ خەتەرلىك بولۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ، بۇلغانغان سۇ ئىستىمال قىلىۋاتقان ھەمدە سەھىيە ئۈسكۈنىلىرى بولمىغان مىلياردتىن ئاشقان خەلقنى بىر تۇتاش ھەرىكەتكە كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇلغانغان سۇ مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر بولۇۋاتقان جايلار ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئىكەن

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلغانغان سۇ مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر بولۇۋاتقان جايلار ئاسىيا رايونىدا بولۇپ، بۇ جايدىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر تا ھازىرغىچە پاسكىنا سۇ ئىستىمال قىلىدىكەن. مەزكۇر دوكلاتتا بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتتا يەنە، ھازىر ھەر يىلى بۇلغانغان سۇنى ئىستىمال قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئىچى سۈرۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ھەربى ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۆلگەنلەر سانىدىن 6 ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكى شۇنداقلا پاسكىنا سۇ تۈپەيلىدىن ئۆلۈۋاتقان بالىلار سانىنىڭ ئۆزىلا 200 مىليوندىن ئاشقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، ئاسىيا رايونىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپ ساندىكىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ناھايىتى تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئىچىملىك سۇ ۋە سەھىيە مەسىلىسىمۇ ئىنتايىن ئېغىر ھالەتتە بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىمۇ مەزكۇر جايدىكى بۇلغانغان مۇھىت ۋە سۇ مەسىلىسىنى ئېتىراپ قىلماقتا

يېقىندا، خىتاي دۆلەتلىك قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى300 گە يېقىن شەھەردە تاكى ھازىرغىچە پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىدىغان زاۋۇت يوق بولۇپ، بىر قىسىم شەھەرلەردە پاسكىنا سۇنى بىرتەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرى ئىشلەش ئىقتىدارىدىن قالغان ياكى ئۇنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل ھالەت مەزكۇر شەھەرلەردىكى سۇ ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا مەزكۇر جايدىكى مۇھىتنىڭ ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغانلىقىنى ئىقرار قىلىپ، بۇ خىل بۇلغىنىشنىڭ سەھىيە ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا زور تەھدىت بولۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

خىتاينىڭ مۇھىت قوغداش باش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى "مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا زور تەسىر يەتكۈزمەكتە. ھازىر مەملىكەت ئىچىدىكى دەريالارنىڭ يېرىمىدىن كۆپ ساندىكىسى ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىپ كەتتى. شەھەرلەرنىڭ 3 تىن بىر قىسمى كىسلاتالىق يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى" دەپ كۆرسەتكەن.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، مۇھىت ۋە سۇنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغانلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلاپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى مۇھىت مەسىلىسىگە ئېتىبار بېرىپ، ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ ئىشلىتىلىش دەرىجىسىنى ئازايتىشقا مەجبۇرلىغان.

ئۆتكەن ھەپتە خەلقئارالىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى" مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىدە يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيۋاتىدۇ" دەپ ئەيىبلىگەن. مەزكۇر خەلقئارالىق تەشكىلات خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يەنە، خىتايدىكى "دۆلەت مۇھىتنى قوغداش ئىدارىسى" دېگەن ئىسىمنى "مۇھىتنى قوغداش مىنىستىرلىقى" دەپ ئۆزگەرتىشى ھەمدە بۇنداق قىلىش ئارقىلىق مۇھىتقا سالغان مەبلىغىنى كۆپەيتىشى شۇنداقلا مۇھىت مەسىلىسىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان يەرلىك ئەمەلدارلارنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. مۇناسىۋەتلىك سۇ ۋە مۇھىت ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2005 ‏- يىلى مۇھىتنى قوغداشقا ئاجراتقان پۇلى دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 1 % ئى ئەتراپىدا بولغان. لېكىن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن سالىدىغان مەبلىغى دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئاز دېگەندە 2% دىن ئېشىپ كەتكەن.

خەلقئارانىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھىتنى قوغداش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمىسە بولمايدىغان ھالەتكە يەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان. يېقىندا خىتايدىكى مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرى تاشقى دۇنيانىڭ خىتايدىكى مۇھىت مەسىلىسىگە بولغان كۆزقارىشى ھەققىدە توختىلىپ " شۇنى بىلىش كېرەككى، ئۆتكەن 20 يىل ئىچىدە، خىتاي دۇنيا زاۋۇتىغا ئايلانغان. بارلىق ئىمپورت قىلىنغان خام ئەشيا ۋە ئېكىسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا پەيدا بولغان بۇلغىنىشلارنى خىتايدا قالدۇردى " دەپ كۆرسەتكەن.

سۇ ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ ئېغىر بولماقتا

يېقىندا، خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە سۇ ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى پەقەت شەھەرلەردىلا ئەمەس بەلكى يېزىلاردىمۇ ئوخشاشلا ئېغىر بولماقتا. ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا، سۇ ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، كىشىنى چۆچۈتكىدەك ھالەتكە يەتكەن.

مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھاۋا ئېغىر دەرىجىدە بولغىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 90% كە يېقىن يەر ئاستى سۇيىمۇ پۈتۈنلەي بۇلغىنىپ بولغان. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.