خىتايدىكى كۆمۈر ئىسىدىن كېلىپ چىققان ھاۋا بۇلغىنىش مەسىلىسى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا


2007.01.05

ئامېرىكا ئېنېرگىيە مەنبەسى بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاساسىي ئېنېرگىيە مەبلىغىنىڭ 65 % ئى كۆمۈر، يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان كۆمۈر ئىككى ھەسسە كۆپەيگەن. "تيامىز" گېزىتىدە بېرىلگەن مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھازىرقى2000 دىن ئارتۇق كۆمۈر يېقىلىدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن باشقا يەنە 500 دىن ئارتۇق ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرماقچى ئىكەن.

ئانالىزچىلار "خىتاي كۆمۈر ئىشلىتىشتىن چەكسىز ھالدا پايدىلانماقتا. لېكىن بۇ خىل چەكسىز پايدىلىنىش خىتاي دۆلىتىنى كۆمۈردىن كېلىپ چىققان بۇلغىنىش دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر بىر دۆلەتكە ئايلاندۇردى " دەپ كۆرسەتمەكتە.

خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىش باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇھىتىغىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە

ئامېرىكىدىكى خىتاي زىيالىيسى پروفېسسور رەن بوگۇڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت خىتايدىكى تەرەققىياتنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان بۇ خىل ئېغىر دەرىجىلىك بۇلغىنىشىدىن قاتتىق نارازى بولماقتا ئىكەن. خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىدىن خۇ جىنتاۋ ۋە ۋىن جياباۋ قاتارلىقلارمۇ مەزكۇر مەسىلىنىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئېغىرلىقىنى ھىس قىلىشقا باشلاپتۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

"ھازىر خىتايدىكى بۇ خىل ئېغىر دەرىجىلىك بۇلغىنىشتىن پۈتۈن دۇنيا خەۋەردار بولدى. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر خىتاينى پەقەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىلا كۆزدە تۇتۇپ، مۇھىتنى قوغداش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولمايۋاتىدۇ، دەپ تەنقىدلىمەكتە. مەن بۇ تەنقىدلەرنى ناھايىتى توغرا ھەم يوللۇق دەپ قارىماقتىمەن. خىتايدىكى ھاۋا بولغىنىش پەقەت خىتاي ئۆزىگىلا ئەمەس بەلكى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ پەقەت بىر دۆلەتنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس بەلكى دۇنيا مۇھىتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، ھەل قىلمىسا بولمايدىغان ئورتاق بىر مەسىلىگە ئايلاندى"

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پروفېسسور رەن بو گۇڭ ئەپەندى سۆزىدە يەنە " خىتاي ھازىر ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا، ئاساسەن كۆمۈرگە تايانماقتا. شۇڭا ھازىرچە كۆمۈر ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ھاۋا بۇلغىنىشتىن قۇتۇلۇش ناھايىتى تەسكە توختىماقتا. خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىل بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يەنە خېلى بىر مەزگىل ۋاقىت كېرەك " دەپ بىلدۈردى:

ئۇيغۇر ئېلىدە ھاۋا بۇلغىنىش تەسىرىدە نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپەيمەكتە

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدە دېگىدەك كۆمۈر ئىسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ھاۋا بۇلغىنىش مەسىلىسى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا، تېخىمۇ بەك ئېغىرلاشقان. بۇ خىل بۇلغانغان ھاۋادا ياشاۋاتقان خەلق تۈرلۈك نەپەس يوللىرى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولماقتا.

يېقىندا خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچىدە نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان. مەسىلەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە كېسەل كۆرسىتىشكە كەلگەنلەرنىڭ سانى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا، بىردىنلا ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئىلگىرى بۇ دوختۇرخانىغا نەپەس يوللىرى كېسەللىكى تۈپەيلىدىن كېلىدىغانلار سانى كۈنىگە 70 -80 بولسا، ھازىر ئاز دېگەندە ھەر كۈنى 200 گە يەتكەن.

بىر قىسىم تىببىي ۋە ئېكولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى "يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈرۈمچىدە كۆمۈر ئىسى تۈپەيلىدىن ھاۋا تېخىمۇ بەك ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشقا باشلىدى. بۇ خىل ئەھۋال كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زور تەسىر يەتكۈزمەكتە. نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپىيىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى دەل مۇشۇ خىلدىكى بۇلغىنىشتىن كېلىپ چىققان" دەپ كۆرسەتمەكتە. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.