غەرب مەتبۇئاتلىرى خىتاينى "مۇھىتقا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىدى" دەپ تەنقىدلىمەكتە


2007.05.14

يېقىندىن بۇيان غەرب مەتبۇئاتلىرىدا، خىتايدىكى مۇھىت مەسىلىسىنىڭ يىلدىن -يىلغا ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئارقا -ئارقىدىن ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقتا. غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردە، خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى مۇھىت مەسىلىسىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن قاتتىق ئەيىبلىنىپ تەنقىدكە ئۇچرىغان. مەزكۇر ماقالىلەردە يەنە، " خىتاينىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى يەر شارىغا زور تەسىر يەتكۈزمەكتە" دەپ ئاگاھلاندۇرۇشلار بېرىلگەن.

مۇھىتنى ۋەيران قىلىش پەقەت خىتايغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن يەر شارىغا زور تەسىر يەتكۈزمەكتە

غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلىۋاتقان ماقالىلەردە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەمدە خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقى كۆرسىتىلمەكتە. ماقالىلەردە " خىتاينىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى پەقەت خىتايغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن يەر شارىغا زور تەسىر يەتكۈزمەكتە " دەپ تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان " دۆلەت " ژورنىلىدا، خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ " بېيجىڭ ھۆكۈمىتى مۇھىت مەسىلىسىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، مەزكۇر مەسىلىگە يەنىلا دېگەندەك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە ئۇلار بۇنداق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. چۈنكى يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، خىتايدىكى ئاشلىق مەھسۇلاتى% 37 تۆۋەنلەيدۇ؛ تىبەتتىكى مۇزلۇق چوققىلار ئېرىپ تۈگەيدۇ؛ خۇئاڭخې ۋە چاڭجياڭ دەرياسى ئېقىنلىرىدا دەسلەپتە تاشقىن، ئاندىن قۇرغاقچىلىق ئاپەتلىرى يۈز بېرىدۇ؛ خۇئادۇڭ دېڭىز بۇيى رايونىنىڭ پورتۇگالىيە زېمىنىچىلىك قىسمى كەلگۈسىدە ھاۋارايى ئۆزگىرىشى تۈپەيلى كېلىپ چىققان تاشقىن دېڭىز سۈيى ئاستىدا قالىدۇ.

دېمەك بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئايان، شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ، خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى ئېكولوگىيە مەسىلىسىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن.

خىتايدىكى كاربون ئىككى ئوكسىدىنىڭ چىقىرىلىش مىقدارى دۇنيا بۇيىچە ئىككىنچى ئورۇندىن بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتۇش ئالدىدا

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو ‏- تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتىدا، خىتايدىكى كاربون ئىككى ئوكسىدىنىڭ چىقىرىلىش مىقدارى دۇنيا بۇيىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى شۇنداقلا پات ئارىدا كاربون ئىككى ئوكسىدى چىقىرىشتا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئامېرىكىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىغانلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، " خىتايدىكى كاربون ئىككى ئوكسىدىنىڭ بۇنداق زور مىقداردا كۆپىيىشى خىتاينىڭ ئېلېكتىر ئېنىرگىيىسىنىڭ ئاساسەن كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلغانلىقىدىن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان ئاپتوموبىلمۇ كېرەكسىز گاز چىقىرىشتا ئاساسىي رول ئوينىماقتا" دەپ كۆرسىتىلگەن.

ب ب س رادىئو ‏- تېلېۋىزىيە شىركىتى ئېلان قىلغان مەزكۇر مەلۇماتتا، مۇھىتنى قوغداش مەسىلىسىدە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا ئىنتايىن مۇھتاج ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ " ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت ئېكولوگىيىلىك مەسىلىلەر تۈپەيلى كېلىپ چىقىۋاتقان ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئۆزگىرىش مەسىلىسىدە بىر ئىش قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنداقتا خىتايمۇ بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بىرلىكتە چارە - تەدبىر قوللىنىشقا تەييار بولۇشى كېرەك" دەپ بىلدۈرۈلگەن.

سان فرانسىسكو خەۋەرلەر گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، بانكوكتا ئۆتكۈزۈلگەن يەر شارى ھاۋا كېلىماتى ئۆزگىرىشى مەسىلىسى ھەققىدىكى خەلقئارا يىغىندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىندىستان ۋە ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە، كېرەكسىز گازنى ئازايتىش پىلانىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا چەكلىمە قويۇش دېگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خىتايدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى چېگرىداش دۆلەتلەرگىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ

بېيجىڭدىكى ئەي جىشىن تەتقىقات ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى ۋەن يەنخەي ئەپەندى" خىتاي بىر چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش، بۇلغىنىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە ئاكتىپ رول ئوينىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ھازىرقى ئەھۋال دەل ئەكسىچە بولۇۋاتىدۇ. بىر قىسىم چىرىكلىشىپ كەتكەن ئەمەلدارلار ئۆز مەنپەئەتىنىلا ئويلاپ، ئاممىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى بىلەن كارى بولمايۋاتىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، خىتايدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ئەتراپتىكى چېگرىداش دۆلەتلەرگىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

ۋەي يەنخەي ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەپ، مۇھىتنى قۇربان قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ " خىتاينىڭ ئالدىن ئىقتىساد تەرەققىي قىلىشى كېرەك دېگەن سىياسىتى تۈپەيلىدىن، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. بۇنداق سىياسەتنى بەلگىلەشنىڭ ئۆزى بەكمۇ ئەخمىقانە بىر ئىش. ئۆزى تەرەققى قىلىمەن دەپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن كارى بولماسلىق، خەلقنىڭ ياشاش مۇھىتى بىلەن كارى بولماسلىق، بۇ ھەقىقەتەن بەكمۇ شەخسىيەتچىلىك قىلغانلىق. ھازىر خەلق ئىستىمال قىلىۋاتقان يېمەكلىك ۋە دورا قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى بارغانسېرى ناچارلاشماقتا. ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇشتا تايىنىدىغان ئاساسلىق يېمەكلىك مەنبەسى زەھەرلىك تەسىرلەرگە ئۇچرىماقتا. شۇڭا مەنچە، خەلقنىڭ موھتاج بولىدىغىنى ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بۇ خىل تەرەققىيات ئەمەس" دەپ كۆرسەتتى.

مالىيە گېزىتىدە بېرىلگەن ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ھەققىدىكى مەلۇماتتا، خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى قاتتىق ئەيىبلەنگەن بولۇپ، " ھازىر دۇنيادىكى 10 چوڭ بۇلغانغان شەھەرنىڭ 8 ئى خىتايدا بولۇپ، خىتاينىڭ ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا،ھالقىلىق رول ئوينىغان خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى بۇنداق شارائىت ئاستىدا، قۇرۇق شۇئار توۋلاشنى توختىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىنى كۆرسىتىشى كېرەك" دەپ يېزىلغان. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.