دۇنيا بانكىسىنىڭ خىتايدا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە تۆلىنىۋاتقان بەدەل دېگەن دوكلاتى ھەققىدە ئىنكاسلار

0:00 / 0:00

'پۇل- مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى'دە، دۇنيا بانكىسى يېقىندا 'خىتايدا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە تۆلىنىۋاتقان بەدەل' دېگەن بىر دوكلاتنى تەييارلاپ چىققانلىقى، بۇ دوكلاتتا 'خىتايدا ھاۋا ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشى ھەر يىلى 750 مىڭ ئادەمنىڭ بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ' دەپ بايان قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، خەلقئارادا خىتايدا ھاۋا ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشىغا قارىتا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ ۋە جىددىي مۇنازىرە داۋام قىلىۋاتىدۇ.

كوممۇنىست پارتىيە باي بولدى، خەلق قۇل بولدى

خىتايدىكى مەلۇم بىر شەھەردىن يېزىپ ب ب س نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ئوبزوردا مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆزىنى بېيىتىش ئۈچۈن، زاۋۇتلاردىن ئاجرالغان زەھەرلىك گازلارنى، خۇددى گېتلېر جازا لاگېرىغا قامىۋالغان يەھۇدىلارنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن گاز قويۇپ بەرگەندەك، بىزنىڭ ئاسمىنىمىزدىكى ھاۋاغا قويۇپ بېرىۋاتىدۇ. زاۋۇتلاردىن ئاجرالغان باشقا قالدۇق زەھەرلىك ماددىلارنى بولسا دەريالارغا، كۆللەرگە قويۇپ بېرىۋاتىدۇ.

زاۋۇتلاردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلگەن زەھەرلىك گاز بىلەن ئادەملەردە پەيدا بولۇۋاتقان ھەرخىل راك كېسەللىكلىرىنى ھازىر كۆزىمىز كۆرۈۋاتىدۇ. چاڭجياڭ دەرياسىدىكى، تەيخۇ كۆلىدىكى بۇلغىنىشنىمۇ كۆزىمىز كۆرۈۋاتىدۇ. كوممۇنىست ھۆكۈمىتى پەيدا قىلغان ھاۋادىكى، سۇدىكى بۇلغىنىشلار خەلقنى تەدرىجى ھالدا ھاياتىدىن بىئەجەل ئايرىۋاتىدۇ. كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇنى بىلمەيدۇ ئەمەس، ئۇ ئادەم ئالداشقا ئۇستا.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، ستالىندىن ئالغان قەرزنى تۆلەش ئۈچۈن ئىسكىلاتتىكى ئاشلىقنى ۋېيتنامغا ئاپىرىپ بېرىپ، جۇڭگو خەلقىنى ئاچارچىلىقتا قالدۇرغاندا، ھۆكۈمەت بىزگە 'ۋېيتنامغا ياردەم' بەردۇق دەپ گەپ توقۇمىغانمىدى؟ دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدىن كېيىن، كوممۇنىستلار دۆلەتنىڭ ئومۇم مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 90% نى ئۆزلىرى ئىگىلىۋېلىپ باي بولدى، ئۆزلىرى ئۈچۈن ھەشەمەتلىك ئىگىز بىنالارنى سالدى. كوممۇنىست پارتىيە تەرەققى قىلدى، خەلق چۆكۈپ كەتتى. 9 يۈز مىليون دېھقان قۇل بولدى. ھازىر بۇنى 'جۇڭگونى تەرەققى قىلدۇردۇق' دەۋاتمامدۇ؟ سەنشى، خېنەن، سىچۇەنلەردىكى يېزىلارغا، كۆمۈر كانلارغا ، زاۋۇتلارغا بېرىپ كۆرۈپ باقساڭلار، كوممۇنىست پارتىيە دەۋاتقان 'تەرەققى قىلغان جۇڭگو'نىڭ قاپ- قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى كۆرىسىلەر.

يۈز مىليون خىيانەتچى ئەمەلدار ۋە مەككار سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى چۆل-جەزىرىلەرگە قوغلاش كېرەك

توكيودىن يېزىپ ئېلان قىلىنغان بىر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىست ھۆكۈمىتى خەلقتىن كۈندىن -كۈنگە ئاشۇرۇپ ئېلىۋاتقان باج مىقدارى بىلەن خەلقنىڭ رىئال تۇرمۇش سەۋىيىسى ماس كەلمەيدۇ. كوممۇنىست ھۆكۈمىتى خەلقتىن ئالىدىغان باجنى ئىپتىدائى مەھسۇلات باسقۇچىدىن تارتىپ قاتمۇ-قات ئاشۇرۇپ ئېلىۋاتىدۇ. ئەمما چوڭ ۋە ئوتتۇرا ھال شىركەتلەر باجنى كام تاپشۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار كام تاپشۇرغان باج كوممۇنىستلارنىڭ يانچۇقىغا بىۋاستە كىرىپ كېتىدۇ.

ھازىر كوممۇنىستلارنىڭ ئېغىر زۇلۇمى ئاستىدا تۇرغان خەلق پەقەت ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەقەللى ئىجتىمائىي كاپالەت بولۇشىنىلا ئارزۇ قىلىدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالدى. چۈنكى ھازىر كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان 'ئىجتىمائىي سوغۇرتا'، 'داۋالىنىش سۇغۇرتىسى' دېگەن گەپلەر پۈتۈنلەي ئالدامچىلىق. كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى ساغلام تۇرغان خەلقنىڭ بەدەن ئەزالىرىنى ئۆزىگە ئالماشتۇرالايدۇ، ئەمما ئادەتتىكى خەلق ئۇنداق قىلالمايدۇ.

مەزكۇر ئوبزوردا تەشەببۇس قىلىنىشىچە، جۇڭگودا بىر مىليارد 400 مىليون ئادەم بار، ئەمما خەلق ئىگىلىكى ئومۇم مەھسۇلات قىممىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يۈز مىليون خىيانەتچى ئەمەلدار بىلەن مەككار سودىگەرنىڭ قولىدا. خەلق بۇلارنىڭ زۇلۇمىدىن ئەركىن ياشاش ئۈچۈن، مۇشۇ كىشىلەرنى بىراقلا چۆل -جەزىرىلەرگە قوغلىۋىتىشى كېرەك!

لېنىن، ستالىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان سوتسيالىزمچىلار بىلەن بولغان چوڭ ئېلىشىشتىن خالى بولغىلى بولمايدۇ

'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا 7 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، دېڭ شاۋپىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن كوممۇنىست پارتىيىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 'كاپىتالىزم ياكى سوتسيالىزم بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، ئىقتىساد تەرەققى قىلدۇرۇلسىلا بولدى' دېگەندىن كېيىن، كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرى باي بولۇشقا باشلىدى.

1992 ‏- يىلى دېڭ شاۋپىڭ يەنە 'تەرەققى قىلدۇرۇش ئەڭ كۈچلۈك تەدبىر' دەپ قايتىدىن تەكىتلىگەندىن كېيىن، سوتسىيالىزمنىڭ قېپىدىن چىقىپ، كاپىتالىزمنىڭ قېپىغا كىرىۋالغان كوممۇنىست بايلىرى، يېزىلاردىكى تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئىگىلەپ ھەشەمەتلىك بىنالارنى سېلىشقا، زاۋۇتلارنى قۇرۇشقا باشلىدى. مانا ھازىر خىتايدا بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ چېگرىسى ئېنىق ئايرىلدى. ھازىرقى تەرەققىيات كوممۇنىست پارتىيە ئەخلاقسىزلىققا، خىيانەتچىلىك-پارىخورلۇققا تايىنىپ پەيدا قىلغان تەرەققىيات.

مەزكۇر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، بۇ خوڭكوڭنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باش تەپتىشى پېڭ دىڭكاڭنىڭ تەھلىلى. بۇ ئەربابنىڭ قارىشىچە، لېنىن، ستالىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان سوتسيالىزمچىلار، مەيلى نېمىنىڭ قېپىغا كىرىۋالمىسۇن، دۇنيانىڭ ئۇلار بىلەن ھامان بىر قېتىم چوڭ ئېلىشىدىغانلىقىدىن خالى بولغىلى بولمايدۇ.

خەۋەر ئارخىپى

دۇنيا بانكىسى تەييارلىغان 'خىتايدا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە تۆلىنىۋاتقان بەدەل' دېگەن دوكلاتتا 'خىتايدا ھاۋا ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشى پەيدا قىلغان كېسەللىكلەر ھەر يىلى 750 مىڭ ئادەمنىڭ بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ' دەپ بايان قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر دەسلەپتە 7 ‏- ئاينىڭ 2 - كۈنى، خەلقئارادىكى مەشھۇر گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان 'پۇل -مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى' دە ئېلان قىلىنغان ئىدى.

7 ‏- ئاينىڭ 3 ‏- كۈنىدىكى ب ب س نىڭ خەۋىرىدە، دۇنيا بانكىسى خىتاينىڭ تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ 'خىتايدا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە تۆلىنىۋاتقان بەدەل' دېگەن دوكلاتنى تەييارلاپ چىققانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دوكلاتتىكى بەزى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشقا جىددىي توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى، بۇ دوكلاتتىكى بەزى سانلىق مەلۇماتلار 'جەمئىيەتتە داۋالغۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن' دەپ سەۋەب كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 7 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا بانكىسىنىڭ دوكلاتىدىكى بەزى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي 'جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۇنيا بانكىسى تەلەپ قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنى كېچىكتۈرگىنى يوق. دۇنيا بانكىسىنىڭ دوكلاتىدىكى بەزى مەسىلىلەر تېخىچە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ' دېگەن. (ۋەلى)