خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھىتنى قوغداش ھەققىدە مەخسۇس ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى
2006.06.06
دۇنيا مۇھىت كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇھىت ۋە تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى كۈچەيگەن بولۇپ، مەبلەغ يېتىشمەسلىك، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ناچارلىشىش، ئوكسىگېن مىقدارىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر خىتاي تەرەققىياتىدىكى زور مەسىلىلەرگە ئايلانغان.
مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە، 1996 - يىلىدىن بۇيان خىتايدا بېكىتىلگەن مۇھىتنى قوغداش ھەققىدىكى بىر يۈرۈش قانۇن -بەلگىلىمىلەر، بۇ ھەقتە قوللانغان چارە - تەدبىرلەرمۇ تەكىتلەنگەن بولۇپ، خىتايدىكى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولمىغان مۇھىتنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم قىلىنغان.
ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشقا قاراپ مېڭىشىنى توسالمىغان
دۇنيا مۇھىت كۈنىدە خىتاي دۆلەت كابېنتى ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي مۇھىتنى قوغداش كومىتېتىمۇ خىتايدىكى مۇھىت مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا "گەرچە ھۆكۈمەت يىللاردىن بۇيان ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، مەبلەغ ۋە رايون پەرقى تۈپەيلىدىن ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشقا قاراپ مېڭىشىنى يەنىلا توسۇپ قالالمىغان " دەپ كۆرسىتىلگەن.
بۇ يىلقى دۇنيا مۇھىت كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى "بوز يەرلەرنىڭ چۆللىشىشىنى توسۇش" دەپ بېكىتىلگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كوفى ئاننان دۆشەنبە كۈنىدىكى دۇنيا مۇھىت كۈنى بەرگەن دوكلاتىدا "دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نامراتلىق، نورمالسىز تۇپراق باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ۋە ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار بوز يەرلەرنىڭ چۆللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇ خىل چۆللۈككە ئايلىنىش نامراتلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە " دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە "بوز يەرلەرنىڭ چېكىنىشى ۋە كۈنسېرى كېمىيىۋاتقان مەبلەغ مەسىلىسى رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ " دەپ بىلدۈرگەن.
خىتايدىكى ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر مۇھىت مۇتەخەسسىس "خىتايدىكى مۇھىتنىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىشقا قاراپ مېڭىشى بىر ئەمەلىيەتكە ئايلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يوشۇرالمىغىدەك ھالەتكە يەتتى. مەسىلەن، ھازىر خىتايدا ھاۋا ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشى ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە بولماقتا. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ يايلاقلارنىڭ چۆللىشىش مەسىلىسىمۇ ناھايىتى ئېغىر. بۇ خىل ھالەتنىڭ كېلىپ چىقىشى بىر كېچىدىلا يۈز بەرگەن ئىش ئەمەس، شۇڭا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشمۇ ئاسانغا توختىمايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
يەرنىڭ بۇزۇلۇش مەسىلىسى ئېغىر
خىتاي مۇھىتنى قوغداش كومىتېتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا ھازىر تەبىئىي نەم يەرنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى ئازىيىپ يوقاپ كېتىش ئالدىدا قالغان. بوز يەرلەرنىڭ چېكىنىش ئەھۋالىمۇ ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، خىمىيىۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ كۆپلەپ ئىشلىتىلىشى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تەبىئىي مۇھىتقا زور زىيان يەتكۈزمەكتە. بۇلاردىن باشقا، ھازىر ھەر قايسى شەھەرلەردە سۇ مەبلىغى ئىنتايىن كەم بولغانلىقتىن، يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق ساھەسىدىكى بۇلغىنىش مەسىلىسى سەل قاراشقا بولمايدىغان ھالەتكە يەتكەن.
خىتاي دۆلەت مۇھىتنى قوغداش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زۇ گۇئاڭياۋ دۆشەنبە كۈنى ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇھىتنى قوغداش ۋە تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە توختىلىپ، "ئەگەر ئىقتىساد بەك تېز سۈرەتتە تەرەققىي قىلىپ كەتسە، مۇھىت مەبلىغىغە زور بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل مۇھىتنىڭ بەدەل تۆلىشى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىياتمۇ ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشالمايدۇ " دەپ كۆرسەتكەن.
مۇھىم مەسىلە - مۇھىتقا ئائىت تۈزۈم ۋە بەلگىلىمىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى
خىتاي دۆلەت مۇھىتنى قوغداش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زۇ گۇاڭياۋ سۆزىدە يەنە "ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە، مەركىزىي كومىتېت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن مۇھىتقا ئائىت تۈزۈم ۋە بەلگىلىمىلەرنى يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئىزچىل ئىجرا قىلىش ياكى قىلالماسلىقى بولۇپ قالدى. يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تۆھپىلىرىنى داۋاملىق ھالدا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا قاراپ بەلگىلەيدۇ. شۇڭا ئۇلار "مۇھىتنى قوغداش ھەققىدىكى تۈزۈملەر بەك چىڭ بولۇپ كەتسە، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ" دەپ ئەندىشە قىلىدۇ. بىر قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ھەتتا بۇ ھەقتىكى تۈزۈم ۋە بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشنىمۇ خالىمايدۇ. بەزىلىرى ئوچۇقتىن - ئوچۇق مۇھىتنى قوغداش تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولمىغان مۇھىتنى قوغداش تەشكىلاتلىرىمۇ بۇ خىل ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرۇپ، يۈرەكلىك تەنقىدىي پىكىر بېرەلمەيدۇ" دەپ بىلدۈردى.
خىتاي دۆلەت كابېنتى ئېلان قىلغان مۇھىت ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىتقا ئاجراتقان پۇلى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن كۆپ بولغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. لېكىن خىتاينىڭ مۇھىتنى قوغداش ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىتقا ئاجراتقان مەبلىغى يەنىلا ئېغىر دەرىجىدە كەم بولغان.
1985 - يىلىدىن بۇيان، دۇنيا بانكىسى ۋە ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق خەلقئارا ئورگانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىتنى قوغداش پىلانىغا يېقىندىن ياردەم قىلغان. لېكىن شۇنداقتىمۇ خىتايدىكى مۇھىت مەسىلىسى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ خەلقئارا مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىش ھەققىدە نۇرمۇھەممەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- يەر شارىنىڭ كىلىماتىدىكى بىنورمال ئىللىش قانداق بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟
- ئۇيغۇر ئېلىدە ھاۋارايىدىكى نورمالسىزلىق ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلدى
- ھاۋارايى ئۆزگىرىشلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقلەرنىڭ تۇرمۇش ھەم سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت ۋە ئىچىملىك سۇ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانماقتا