0:00 / 0:00
قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتە قىرغىزىستان دۆلەتلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئورگان قارمىقىدىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى خەيرىنسا تۇردىيىۋا مۇكاپاتلانغانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
قىرغىزىستان دۆلەتلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قارمىقىدىكى" تەڭرىتاغ" پروگراممىسى ھەپتىدە بىر سائەتلىك پروگرامما بېرىدىغان بۇ دۆلەتتىكى بىردىن بىر ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ھەقتە بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.