شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بۈيۈك ئاناتولىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
2007.02.08

بىر قانچە يىللاردىن بېرى ئەنقەرەدە ئاكتىپ پائالىيەت كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى بۈيۈك ئاناتولىيە مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى. تۈركىيە بۈيۈك ئاناتولىيە بىرلىكى جەمئىيتى تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتنى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى مۇراسىم بىلەن تاپشۇرۇپ ئالدى. 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا تۈركىيىدىكى ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى قاتناشتى. بىز بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلغان بۈيۈك ئاناتولىيە بىرلىكى جەمئىيتى مەسئۇلى يۈسۈپ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
- ھۆرمەتلىك يۈسۈپ ئەپەندى، ئالدى بىلەن بۇ جەمئىيىتىڭلارنىڭ پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتسىڭىز قانداق ؟
- بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز ئىككى يىلدىن بېرى پائالىيەت كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئىسمى بۈيۈك ئاناتولىيە بىرلىكى جەمئىيىتى. مەقسىتىمىز پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنى بىر بىرىگە تونۇتۇش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش. مانا بۇ مەقسەتلىك، بىز -10ئاينىڭ -20كۈنىدىن -29كۈنىگىچە تۈركىيىدىكى 81 ۋىلايەت ۋە ناھىيە شۇنداقلا ھەرقايسى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق جەمئىيەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ قەدەممۇ قەدەم ئاناتولىيە فېستىۋالىنى ئۆتكۈزدۇق. ئۇ فېستىۋالدا ھەر يەردىن كەلگەن ئۆمەكلەرگە ئايرىم ئايرىم يەر ئاجرىتىپ بېرىپ شۇ يەردە ئۆزلىرى كەلگەن يەرنىڭ ئۆرپ -ئادەتلىرىنى، تەبىئەت گۈزەللىكىنى، مەدەنىيىتىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە تونۇتۇشىنى تەلەپ قىلدۇق. ۋەكىللەرمۇ بۇنىڭغا بىنائەن شۇنداق قىلىشقا تىرىشتى.
- يۈسۈپ ئەپەندى، بۇ فېستىۋالىڭلاردا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈپسىلەر. بۇ ھەقتە رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز ؟
- شۇنداق. ئۇلار بۇ قەدەممۇ قەدەم ئاناتولىيە فېستىۋالىغا قاتناشتى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ناھايىتى ئۈنۈملۈك بىر شەكىلدە تونۇتتى. ياخشى ۋەكىللىك قىلدى. شۇڭا بىز ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىدىن بۇ مۇكاپاتنى بەردۇق ھەم شۇنداقلا ئۇلارنى پەخىر ئەزا قىلدۇق.
- ھۆرمەتلىك يۈسۈپ ئەپەندى، سىزچە بۇنداق فېستىۋاللارنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟
- مەنچە بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئالدى بىلەن بىرلىك ۋە باراۋەرلىك روھىنى يارىتىش. بۇ خىل پائالىيەتلەر بىرلىك باراۋەرلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىلىرىدىن بىرى. ھەممىمىز بىر ئارىغا يىغىلىش ئارقىلىق ناھايىتى ياخشى بىر تەسىر ياراتقان بولدۇق. بىر بىرىمىزنى يېقىندىن تونىغان، مەسىلىلىرىمىزنى چۈشەنگەن بولدۇق. مەسىلەن، شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى بار، بېسىم بار. فېستىۋالىمىزدا بۇ مەسىلىنى ناھايىتى ياخشى ئاڭلىتىش پۇرسىتى يارىتىلدى. ئۇ يەردىكى بېسم ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى كۆرسىتىلگەن رەسىملەر، خەۋەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى، ھەممە كىشى بۇنىڭدىن خەۋەردار بولدى. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ دەۋاسىنى ھەم ياخشى تونۇتقان ھەم تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولدى. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتى تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى بىلەن كۆرۈشتى
- قىرغىزىستانلىق ژۇرنالىست مەخپىرەت موللاخۇن پرېزىدېنت تەقدىرنامىسىگە ئېرىشتى
- ئۇيغۇرلار تاجاۋۇزچىلاردىن ئۆگەنمەيدۇ
- تۈركىيىدىكى سىياسى پارتىيىلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىشقا باشلىدى
- جەمئىيەت ئەربابى، ئازات ھېكىمبەگ تىنچلىق ئالىي ئوردىنىغا ئېرىشتى(2)
- جەمئىيەت ئەربابى، ئازات ھېكىمبەگ تىنچلىق ئالىي ئوردىنىغا ئېرىشتى(1)
- دېموكراتىيىنىڭ بۆشۈكىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى - شۋېتسىيە
- دېموكراتىيىنىڭ بۆشۈكىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى - گېرمانىيە