ئۇيغۇر تۈركولوگ گۈلزادە تەڭرىتاغلى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى
2007.04.10

بۈيۈك ئاناتولىيە بىرلىكىنىڭ تۈركىيىدىكى ھەرقايسى شەھەر - ۋىلايەت ۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەتلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ بېكىتىشى نەتىجىسىدە 40 تۈردە ئالتۇن مېدال تارقىتىلدى. ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلشۇناس دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىممۇ بار بولۇپ، گۈلزادە خانىمغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تۈركىيىدە ۋە ياۋروپادا تونۇتۇش يولىدا قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن بۇ مۇكاپات بېرىلدى.
2 - نۆۋەتلىك خەلقئارا 40 ئالتۇن مۇكاپاتلىرىنىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى. كوجاتەپە مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىمغا تۈركىيە پارلامېنت باشلىقى ۋەكىلى سادىق ياقۇت، پارلامېنت ئەزاسى نېجاتى چېتىنكايا، ۋەجدى گۆنۈل، ئەنقەرە شەھەر باشلىقى مېلىھ گۆكچەك قاتارلىقلار قاتناشتى. مۇكاپاتلاش مۇراسىمغا يەنە ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن بولۇپ مىڭلارچە كىشى قاتناشتى.
مۇراسىم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مارشىنى ئوقۇش ۋە بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلىدى. ئارقىدىن بۈيۈك ئانادولۇ بىرلىكىنىڭ باشلىقى يۇسۇف چېلىك سۆز قىلدى. يۇسۇف چېلىكنىڭ سۆزىدىن كېيىن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر بىر- بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ مۇكاپاتلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۈيۈك ئاناتولىيە بىرلىكى ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئىچىدە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان، مىللى مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەجدى گۆنۈل، ئەنقەرە شەھەر باشلىقى مېلىھ گۆكچەكلەرمۇ بار بولۇپ، رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ مۇكاپاتىنى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن پارلامېنت ئەزاسى نەجاتى چېتىنكايا ئالدى. مۇراسىم قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتتى.
ئالتۇن مېدال بېرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىز مىكروفونىمىزنى بۈيۈك ئاناتولىيە بىرلىكى باشلىقى يۇسۇف چېلىك ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق. ئۇ بىرلىكىنىڭ تۈركىيىدىكى 81 ۋىلايەت، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدىن بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق ئاممىۋىي تەشكىلاتتىن تەركىپ تاپقان بىر بىرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
"ئاناتولىيە بىرلىكى 81 ۋىلايەت، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدىن بولۇپ، 1000 دىن ئارتۇق ئاممىۋىي تەشكىلاتتىن تەركىپ تاپقان بىر بىرلىكتۇر. بىز بۇ مىڭدىن ئارتۇق ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ نامزات كۆرسىتىشى ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە 2006 -يىلىدىكى مۇۋاپىقيەتلىك كىشىلەرنى تاللاپ چىقىپ ئۇلارغا ئالتۇن مېدال بەردۇق ۋە بۇ 2-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئالتۇن مېدال مۇكاپاتلاش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدۇق. بۇ ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ راي بېرىشى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى 2006-يىلىدىكى ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك دۆلەت ئەربابى دەپ باھالاپ چىقتۇق. يەنە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ نامزات كۆرسىتىشى بىلەن در. گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىمغا ئۇيغۇر مەدەنىيەت - سەنئىتىگە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن ئالتۇن مېدال بەردۇق.
يۇسۇف چېلىك ئەپەندى گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىمغا بۇ مۇكاپاتنى بېرىشتىكى مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
"شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، ئاممىۋىي تەشكىلات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىق بىرىسىگە بۇ مۇكاپاتنى بېرىشتىكى مەقسىتىمىز شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان زۇلۇمغا دىققەت تارتىش شۇنداقلا ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەت".
مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بىز گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىمنىڭ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى سورىدۇق.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياۋرو ئاسىيا ئۆتكىلى - شىنجاڭنىڭ تارىخى (1)
- ئىتالىيىلىك تەتقىقاتچىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قاراشلىرى
- فرانسۇز تەتقىقاتچىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قاراشلىرى
- تۈركىيىدە تۈركولوگ بايمىرزا ھايىت ئەپەندى خاتىرىلەندى
- شۋېتسىيىدىكى تۇنجى ئەۋلات ئۇيغۇرشۇناس Gustaf Raquette
- Dru Gladney كانادا CBC تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى
- ئىسرائىلىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس Yitzhak Shichor بىلەن سۆھبەت(2)
- ئىسرائىلىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس Yitzhak Shichor بىلەن سۆھبەت(1)
- ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىدىكى تۆھپىكار - قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخشۇناسى، دوكتور گېگېل ئىسھاقوپ(1)
- ئىستانبۇل كۆرگەزمە ۋە قۇرۇلتاي مەركىزىدە تۈرك دۇنياسى كونسېرت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى