0:00 / 0:00
تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاۋالقى يىللارغا ئوخشاش بۇ يىلمۇ تۈركىيە مەكتەپلىرىدە ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى.
24-ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە قەيسەرىدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 120 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قاتناشتى. ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر تەشكىلات رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.