0:00 / 0:00
تۈركىيىنىڭ قەيسىرى شەھىرىدىكى شەرقىي تۇركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئالاھىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۇپ، تۈركىيىگە ھىجرەت قىلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 60 قا يېقىن پىشقەدەمگە شۈكراننامە بەردى. بۇ پېشقەدەم ئۇيغۇرلار 1950-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئافغانىستانغا چىقىپ، ئافغانىستاندا تەشكىلات قۇرۇپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا باشلىغان كىشىلەر بولۇپ، بۈگۈن بۇ پېشقەدەم ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرى تۈركىيىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى داۋام قىلدۇرماقتا.
بۇ مۇراسىم ھەققىدىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.