خىتاينىڭ "شىنجاڭ خەۋەرلىرى" تور بېتىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى ئىسمايىل تېلىۋالدى 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى "دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىنى شىركەتلەرنىڭ قىممىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش" ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە "دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىنى شىركەتلەرنىڭ قىممىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش -- كۆپ يادرولۇق مۈلۈك ھوقۇقى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنىڭ يادروسى دەپ تەكىتلىگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى "مۈلۈك قانۇنى"دا بەلگىلەنگەن "دۆلەت مۈلكى، كوللېكىتپ مۈلكى ۋە خۇسۇسىي مۈلۈك قانۇن بۇيىچە قوغدىلىدۇ" دەپ بەلگىلەنگەن ماددىلارنى ئۇيغۇر ئاپتوم رايونىدا قانداق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن بەرگەن بىشارەت.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىدىن تارتىۋالغان پۈتۈن تەبىئى بايلىقلارنى خىتاينىڭ دۆلەت مۈلكى دەپ قانۇنلاشتۇرماقچى. بۇنىڭ بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر خەلقىغە تېخىمۇ زور زىيان كەلتۈرىلىشى مۇكىن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى "مۈلۈك قانۇنى"نى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ زور زىيانغا ئۇچرىتىدىغان مەقسىتىنى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاغزىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى ئىسمايىل تېلىۋالدىدەك كىشىلەرنىڭ ئاغزى ئارقىلىق بايان قىلىۋاتىدۇ. (ۋەلى)