خىتايدا 16 -مارت كۈنى يېڭى"مۈلۈك قانۇنى" ماقۇللىنىپ ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، 19 - مارت كۈنى خۇ جىنتاۋ رەئىس بۇيرۇقى چىقىرىپ، بۇ قانۇننىڭ 10 -ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ قانۇندىكى كونكرېت بەلگىلىمىلەرنى چۈشەندۈردى. ھازىر خەلق ئىچىدە بۇ يېڭى "مۈلۈك قانۇنى"ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر بارغانسېرى كېڭەيمەكتە.
يېڭى "مۈلۈك قانۇنى" جەمئىيەتتە تېخىمۇ كۆپ جېدەل-ماجىرا پەيدا قىلىشى مۇمكىن
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ماقۇللانغان يېڭى "مۈلۈك قانۇنى" ھەققىدە ئاساسەن ئىككى خىل كۆز قاراش بار، بۇنىڭ بىرى، يېڭى مۈلۈك قانۇنىدا "خۇسۇسىي مۈلۈكنى قوغداش"دەپ ئېنىق يېزىلغانلىقى 1949 - يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن ئىش، بۇ بىرخىل ئىلگىرىلەش، دېگەن كۆز قاراش بولسا، ئىككىنچى خىلى، خىتايدا يەر-زېمىن ھوقۇقى مەسىلىسى ئەڭ نېگىزلىك مەسىلە، بۇ قانۇندا مەزكۇر ئەڭ نېگىزلىك ئۇقۇم يەنىلا مۇجمەل، كىشىلىك ھوقوقى بولمىغان خەلقنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى بولامدۇ؟ ئەمدى بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنسا، تېخىمۇ چوڭ قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، دېگەن كۆز قاراشتىن ئىبارەت. بۇ زىيالىيلارنىڭ كۆز قارىشى. ئەمما خەلق ئارىسىدىكى كۆز قاراش ، مۇلاھىزىلەر تېخىمۇ بىۋاستە ھەم كەسكىن.
ب ب س نىڭ تور بېتىدىكى مۇنازىرىلەردە بايان قىلىنىشىچە، بەزى تورداشلار ماۋزېدۇڭ دەۋرىدىلا "دۆلەت مۈلكى، كوللېكتىپ مۈلكى ۋە شەخسىي مۈلۈك"دېگەن نەزىرىيە بار ئىدى. يېقىندا ماقۇللانغان بۇ يېڭى "مۈلۈك قانۇنى"دا ئۈچ خىل مۈلۈك قوغدىلىدۇ، دېگەن بەلگىلىمىنىڭ ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىدىن پەرقى يوق، بۇ قانۇن يەنىلا ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ قانۇنسىز مۈلكىنى قوغداش رولىنى ئويناپ، جەمئىيەتتە تېخىمۇ كۆپ جېدەل-ماجىرا پەيدا قىلىشى مۇمكىن ، دەپ قارىماقتا.
يېڭى "مۈلۈك قانۇنى" ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەس، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مۈلكىنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە قوغداش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خۇ جىنتاۋنىڭ رەئىس بۇيرۇقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا، "مۈلۈك قانۇنى" دىكى بەزى كونكرېت بەلگىلىمىلەرگە ئىزاھات بەردى. ئۇنىڭدا "تېرىلغۇ يەرلەرنى كۆتۈرىگە ئېلىش ۋاقىتى 30 يىلغىچە، يايلاقلارنى كۆتۈرىگە ئېلىش ۋاقتى 30 يىلدىن 50 يىلغىچە، ئورمانلىقلارنى كۆتۈرىگە ئېلىش مۇددىتى 30 يىلدىن 70 يىلغىچە بولىدۇ"، دەپ بايان قىلىنغان. ياۋروپادا نەشر قىلىنىدىغان "غەرب شامىلى" ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىمى ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ، خىتايدا ماقۇللانغان يېڭى "مۈلۈك قانۇنى"نىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتى كۆچۈرۈپ كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قانۇنلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. (ۋەلى)