ياپونىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن باسقان يەنە بىر يېڭى قەدەم
2005.04.25
خىتايدا بۇنىڭدىن 3 ھەپتە بۇرۇن ياپونىيىگە قارشى نامايىش باشلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىدە يىرىكلىشىش پەيدا بولدى. ياپونىيە –خىتاي مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەندىن كېيىنكى 2 - ھەپتىدە، ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى كويزۇمى ئەپەندى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ، بۇ مەقسەت ئۈچۈن خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈش توغرىسىدا تەكلىپ قويدى. بۈگۈن (4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى) خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىدە يىرىكلىشىش پەيدا بولۇپ 3 - ھەپتە باشلانغاندا، ياپونىيە تەرەپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر يېڭى قەدەم باستى. خىتاي تەرەپتىمۇ يېڭى ئۆزگىرىش بار. ئۇ بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئاتلىرى ئەمدى خىتايدىكى ياپونىيىگە قارشى خاھىشىلەرنى قاتتىق تەنقىتلەشكە باشلىدى.
تارىخ دەرسلىك پەقەت ئون نەچچە مەكتەپتىلا قوللىنىلغان
"ئامېرىكا ئاۋازى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى "ياپونىيە ھېچقاچان بۇرۇنقى تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى پەدەزلىگىنى يوق، بەلكى 1945 - يىلىدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر تىنچلىق سىياسەت قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. پىكىر ئىختىلاپى پەيدا قىلغان دەرسلىك كىتابنى ياپون مىللەتچىلىرى تۈزگەن، ئۇنى پەقەت ئون نەچچە مەكتەپلا قوللانغان. ئەمىلىيەتتە ھازىر ياپونىيە- خىتاي ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئىختىلاپلار ئاساسەن تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز تەۋەسىدە تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىش، كويزۇمىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ياپون جەڭچىلىئىرىنىڭ قەبرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىشىدىن ئىبارەت ئىككى مەسىلىسىگىلا يىغىنچاقلانغان ئىدى" دەپ تەكىتلىگەن.
ياپونيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نابۇتاكا ماچىمۇرا ئەپەندى بولسا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا خىتاينىڭ دەرسلىك كىتاپلىرىدا ياپونىيىگە قارشى ئۆچمەنلىك ئىپادىلەنگەن ياكى ئىپادىلەنمىگەنلىكىنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
خىتاينىڭ مەيدانىدىكى ئۆزگىرىش
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ياپونىيىگە قارشى نامايىش باشلانغاندىن كېيىن، خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتى يىرىكلىشپ 3 - ھەپتىگە كەلگەندە، خىتاي دائىرىلىرى ھازىر ياپونىيىگە قارشى يۈز بەرگەن نامايىشلارنى قاتتىق تەنقىد قىلىشقا باشلىغان.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى "ئازادلىق گېزىتى" دە 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى "ماھىيەتنى تونۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغاننى سۈرۈشتۈرۈش" سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدا "يېقىندا يۈز بەرگەن قانۇنسىز نامايىشلار ھېچقاچان ۋەتەنپەرۋەر ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى قانۇنسىز ھەرىكەت. ئۇ ياكى ئىستىخىيىلىك ھالدا پارتلىغان ئاممىۋى ھەرىكەتمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كەينىدە باشقا غەرەز بار" دەپ تەكىتلەنگەن. شاڭخەينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە قاتناش تارماقلىرىمۇ "قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى قەتئى توختىتىش كېرەك. قاتناشقا توسالغۇلىق قىلىشقا مۇتلەق يول قويۇلمايدۇ" دەپ جاكارلىغان.
جاكارتادىكى كۆرۈشۈش
"رويتىرس ئاگېنتلىقى" نىڭ توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدە ياپونىيىنىڭ باش مىنىسىتىرى كويزۇمى ئەپەندى خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن جاكارتىدا كۆرۈشكەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيىگە قارشى نامايىشلاردا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. خۇ جىنتاۋ بولسا باش لىڭشىتىش شەكلى ئارقىلىق بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۇ "ياپونىيە خىتاي خەلقىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتكەن تارىخنى ئەسلەپ، تارىخىي مەسىلىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشى لازىم" دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.
ياپونىيىلىكلەرنىڭ رايى
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيىدە چىقىدىغان ۋە ناھايىتى كەڭ تارقىلىدىغان "ئاساخى شىنبۇن گېزىتى"دە 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدا مەلۇم بولىشىچە، ياپونىيىدە ٪ 71 ئادەم خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ تەشەببۇسىغا قوشۇلمايدۇ. ٪ 19 ئادەم خۇ جىنتاۋ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تەشەببۇسقا قوشۇلىدۇ. ٪ 51 ئادەم خىتايدا يۈز بەرگەن ياپونىيىگە قارشى خاھىشىلارنى خىتاي مائارىپى پەيدا قىلغان دەپ قارايدۇ. 32٪ ئادەم خىتايدا ياپونىيىگە قارشى نامايىشنىڭ يۈز بېرىشى خىتاي مائارىپى بىلەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ، دېمەك ٪ 83 ئادەم بايان قىلىنىشتا پەرقى بار، ئەمما ئاساسەن ئوخشايدىغان بۇنداق كۆز قاراشتا. ٪ 47 ئادەم ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى كويزۇمى ئەپەندى "ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھى" نى زىيارەت قىلىشنى توختىتىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. 36٪ ئادەم ئۇنىڭ داۋاملىق زىيارەت قىلىشىنى قوللايدۇ. ٪ 61 ئادەم بۇنىڭدىن 3 يىل كېيىن خىتايدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى تىنچ ئۆتمەسلىكى مۇمكىن دەپ قارايدۇ، پەقەت ٪ 32 ئادەم مەسىلە چىقىشى ناتايىن دەپ قارايدۇ.٪ 76 ئادەم ياپونىيە ئۈچۈن ئامېرىكا تەشەببۇس قىلىۋاتقان باشقۇرىلىدىغان بومبا بىلەن قوغدىنىش قالقان سېستىمىسى كېرەك دەپ قارايدۇ. (ۋەلى)