بۇش بىلەن كەررىي دۆلەت ئىچى مەسىلىسىدە مۇنازىرە ئۆتكۈزدى
2004.10.14
ئامېرىكا پرېزدېنتى جورج W بۇش، سايلام رىقابەتچىسى كېڭەش پاتالا ئەزاسى جون كەررىي بىلەن چارشەنبە كۈنى كەچتە ئۈچىنچى قېتىملىق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت مەسىلىلىرىدە مۇنازىرلەشتى. بۇ پرېزدېنت سايلىمى ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق مۇنازىرە ھېسابلىنىدۇ.
بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان مۇنازىرە جەريانى ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيىسىدە نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىلغان بولۇپ، بۇش بىلەن كەررىي ھەر ئىككىلىسى مۇنازىرە باشقۇرغۇچىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ھەرقايسى مەسىلىلەرگە بولغان ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىنى تونۇشتۇردى.
مۇنازىرە تېمىسى باج، سودا، ئىشسىزلىق، داۋالىنىش سۇغۇرتا، پېنسىيە پۇلى، بالا ئالدۇرۇش، ئۆلۈم جازاسى، ئېنېرگىيە، مۇھىت، ئىراق ئۇرۇشى ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسى قاتارلىق كەڭ دائىرىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
كەررىي: بۇشنىڭ باج قىسقارتىش سىياسىتى بايلارنى مەنپەئەتدار قىلىدۇ
دىموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ پرېزدېنت كاندىداتى جون كەررىي مۇنازىرە جەريانىدا، بۇشنىڭ باج قىسقارتىش سىياسىتىگە قارشى چىقىپ، بۇنىڭ ئوتتۇراھال سەۋىيىدىكى خەلقلەرگە ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كەررىي سۆزىدە، پرېزدېنت بۇشنىڭ بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا كاپالەت قىلىش لايىھەسىنى قوبۇل قىلماي، 500مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپكە كىرىش پۇرسىتىنى يوقىتىشىغا سەۋەپ بولۇشتىن سىرت يەنە، ئەكسىچە بايلارغا كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان باج قىسقارتىش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنى ئەيىپلىدى.
ئەمما جورج بۇش كەررىينىڭ باج قىسقارتىش سىياسىتى ئۈستىدىكى ئەيىپلىشىنى رەت قىلىپ، بۇنىڭ ئوتتۇراھال سەۋىيىدىكى كىشىلەرگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدا چىڭ تۇردى.
بۇش ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ سىياسىتىنى ئاقلىدى
بۇش يەنە، ئۆزىنىڭ مائارىپ سىياسىتىنى قوغداپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىر يۈرۈش جىددىي تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەمدە كەررىينىڭ بۇنداق دىيىشىنىڭ، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسىنىڭ كەمچىللىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان ئىشسىزلىق مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغان جون كەررىي جورج بۇشقا بىۋاستە ھۇجۇم قىلىپ، ئىشسىزلىق مەسىلىسىدە بۇشنىڭ، بۇنىڭدىن ئاۋالقى 11 پرېزدېنتتا كۆرۈلۈپ باقمىغان يەنى 72 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار خاتىرىنى ياراتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
كەررىي سۆزىدە يەنە، ئۆزىنىڭ كىشىلەرنى خىزمەت پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدىغان تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پىلانى بارلىغىنى، ھەمدە پرېزدېنلىككە سايلىنىپ، ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ بولغاندىن كېيىنلا، جەمئىيەت پاراۋانلىق مەسىلىسىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.
جورج بۇش بۇنىڭغا قارىتا، ئۆتكەنكى 13 ئايدىن بۇيان ئامېرىكىدا 2 مىليونغا يېقىن خىزمەت پۇرسىتى كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسا، كەررىي بۇش پرېزدېنت بولغان قىسقىغىنە 4 يىل ئىچىدە ئامېرىكا 1مىليون 600 مىڭ خىزمەت پۇرسىتىنى يوقاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
كەررىي: ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ھەقىقىي ھەمكارلاشقاندا، ئامېرىكا ئەڭ قۇدرەتلىك بولىدۇ
گەرچە بۇ قېتىملىق مۇنازىرە ئاساسلىقى دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى مەركەز قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تېررورچىلىق، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى قاتارلىق باشقا تېمىلارغىمۇ چېتىلدى. پرېزدېنت كاندىداتى جون كەررىي بۇشنىڭ توغرا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى، ھەمدە ياخشى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتالمىغانلىقىنى ئەيىپلىدى. ئۇ سۆزىدە، " بىزنىڭ قوراللىق قىسىملىرىمىزنى بېسىمدىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا: بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەقىقىي ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن ئامېرىكا ئەڭ قۇدرەتلىك بولىدۇ" دېدى.
بۇش بۇ تېمىغا قارىتا، ئافغانسىتاندىكى دىموكراتىك سايلام ۋە سادام ھۈسەيىن ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلىشىنى ئەسكەرتىپ، كېلەر يىلى ئىراقتىمۇ دىموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ قېتىملىق مۇنازىرە ھەر ئىككى كاندىدات ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. پرېزدېنت سايلىمى 11 - ئاينىڭ 2- كۈنى يەنى 3 ھەپتىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، شۇ چاققىچە ھەر ئىككىلا كاندىدات فلورىدا، نېۋادا ۋە ۋىسكانسېن قاتارلىق بىر قانچە شىتاتلارغا بېرىپ سايلامغا ئاۋاز توپلايدۇ. (پەرىدە)