ئامېرىكىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئۇيغۇر مۇقامى


2007.07.17

sultan-mehmet.jpg
2007 – يىلى 5 – ئىيۇن كۈنى سۇلتان مەمەت ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا مۇزىكا ئورۇنلىماقتا. RFA

15 - ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بولغان ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا "يىپەك يولىدىكى مىللەتلەر" سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر كۆرەككە ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولۇپ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان داڭلىق ئۇيغۇر مۇقامچى، ئۆزبېكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن خەلق سەنئەتكارى سۇلتان مەھمەت ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ئۇيغۇر مۇقامى ۋە ناخشا ‏- مۇزىكىلىرىنىڭ سېھىر كۈچىنى نامايان قىلدى.

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچى ‏- ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئۇيغۇر تىلى ھەمدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى قىزىقىش قوزغاۋاتقان بىر ساھە بولۇپ، ھەتتا بۇ داڭلىق ئالىي بىلىم يۇرتىدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر تىلى كەسپىمۇ تەسىس قىلىنىپ،ئۇيغۇر تىلى ھەمدە مەدەنىيىتى، سەنئىتىنى تەتقىق قىلغۇچىلارمۇ كۆپەيمەكتە.

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كۆرەككە قاتناشقان سۇلتان مەھمەت ئەپەندى بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ سۆھبىتىدىن، مەزكۇر مەدەنىي پائالىيەت ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئىگە بولغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.