ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۇچراۋاتقان بارلىق بېسىملارنىڭ مەنبەسى - مۇقىملىق سىياسىتى
2008.01.04

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە "مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ" دېگەن رەۋىشتە ئايرىم سىياسەت قوللىنىپ كەلمەكتە. بۇ سىياسەت بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدا يەنى دېھقانلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن يۇقىرى بېسىم بىلەن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەت. بۇ سىياسەت ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھەتتا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھاياتىغىمۇ ئىنتايىن ئېغىر بېسىملارنى ئېلىپ كەلمەكتە.
رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇمكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كادىرلارنى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى تۇتۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دېھقانلار ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك بېسىملار يەنىمۇ كۈچەيگەن.
بۇنىڭ ئىپادىلىرى ھەم سەۋەبلىرى ھەققىدە ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى شۇنداقلا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەم ئىجتىمائىي ئەھۋاللىرى ھەققىدە بىلگەنلىرىگە ئاساسەن مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارەت سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى --- ئۆز ئالدىغا ھوقۇق يۈرگۈزگۈچىلەر
- ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبۇئات ۋە ئىجادىيەت ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى (2)
- ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىدا ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭى كۈچەيمەكتە
- ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا زۇلۇم سېلىۋاتقان مەركىزى ھۆكۈمەتمۇ ياكى يەرلىك ھۆكۈمەتمۇ؟
- خىتاي ئەلچىخانىسى قىزلار مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇردى
- خىتايغا بارغان ئىشلەمچى قىزلار نىمە ئۈگىنىپ كەلدى؟
- 'نامراتلار' دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتايدىكى پەرقى توغرىسىدا مۇلاھىزە
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي جىددىيچىلىكنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى نېمە؟
- رابىيە قادىر :خىتايغا نىسپەتەن ئۇنىڭ سىياسىتىگە نارازى بولغاننىڭ ھەممىسى توسالغۇ
- ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقان قىزلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا
- خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر ئېلىغا كەلمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا يەنە قەشقەرنىڭ توققۇزاقتىن يۈزلىگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە ئېلىپ كەتكەن