خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە "مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ" دېگەن رەۋىشتە ئايرىم سىياسەت قوللىنىپ كەلمەكتە. بۇ سىياسەت بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدا يەنى دېھقانلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن يۇقىرى بېسىم بىلەن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەت. بۇ سىياسەت ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھەتتا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھاياتىغىمۇ ئىنتايىن ئېغىر بېسىملارنى ئېلىپ كەلمەكتە.
رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇمكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كادىرلارنى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى تۇتۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دېھقانلار ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك بېسىملار يەنىمۇ كۈچەيگەن.
بۇنىڭ ئىپادىلىرى ھەم سەۋەبلىرى ھەققىدە ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى شۇنداقلا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەم ئىجتىمائىي ئەھۋاللىرى ھەققىدە بىلگەنلىرىگە ئاساسەن مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارەت سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.