داڭلىق سەنئەتكار مۇرات ئەخمىدى سىياسىي سەھنىدە


2007.08.22

-8 ئاۋغۇست قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىغا ، يەتتە پارتىيە قاتنىشىپ . سايلام نەتىجىسىدە پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ نۇر ئوتان پارتىيىسى مۇتلەق كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ ئۈستۈنلىكنى ساقلاپ قالدى. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى ئەزالىقىغا نامزات كۆرسىتىلگەن مىللەت ۋەكىللىرى ئىچىدىن سايلانغان توققۇز نەپەر ۋەكىل ئىچىدىن بىر ئۇيغۇر ۋەكىلى ئورۇن ئالدى . ئۇ بولسىمۇ قازاقىستان ھەم ئۇيغۇر ئېلىگە تونۇشلۇق بولغان داڭلىق سەنئەتكار ، قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ رەئىسى مۇرات ئەخمىدى ئەپەندى.

قازاقىستان پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن بىر ۋەكىلى بولۇپ ئورۇن ئالغان مۇرات ئەھمىدى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھاياجانغا تولغان بۇ مىنۇتلاردا نېمىلەرنى ئويلاۋاتىدۇ ، ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن سەنئەت سەھنىسىدىن باشقا سىياسىي سەھنىدە خەلق ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ؟

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا نىڭ مۇرات ئەخمىدى ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە قۇلاق سېلىڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.