ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروپ ۋاپات بولدى

0:00 / 0:00

رۇسىيىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروپ 19 – يانۋار كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى. رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا مۇرات ناسىروپ 5 – قەۋەتكە جايلاشقان ئۆيىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتكەن. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدا مۇرات ناسىروپنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئىككى خىل يەكۈن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى "ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى" بولسا، يەنە بىرى ھادىسىگە ئۇچرىدى دېگەن قاراشتۇر.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋاردىن ئاڭلاڭ.