
مۇرات ناسىروپ ئۇيغۇرلاردىن چىققان بىردىن-بىر پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىغا تونۇلغان ناخشىچى ئىدى.
رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيىنىڭ مەشھۇر ناخشا چولپىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى مۇرات ناسىروپ 19-يانۋار كۈنى كەچ سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە موسكۋا شەھىرىدىكى 5-قەۋەتكە جايلاشقان ئۆيىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ نەق مەيداندا جان ئۈزگەن.
مۇرات ناسىروپ ئەمدىلا تېخى 37 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مېيىتى 22-يانۋار كۈنى موسكۋادىن ئالمۇتىغا ئېلىپ كېلىنىپ، دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن زارىئاۋاستوكا مەھەللىسىدىكى زاراتكارلىققا دادىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان.
مۇراتنىڭ ناسىروپ رۇسىيە ھازىرقى زامان زامانىۋى ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى چولپانلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ نامى يالغۇز رۇسىيىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ئەللىرىگە تونۇلغان.
مۇرات ناسىروپ 1991-يىلى يالتادا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياش ناخشىچىلارنىڭ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن تونۇلۇشقا باشلاپ، 97--يىلى "تامبوۋغا بارماقچى بولغان بالا" دېگەن ناخشىسى بىلەن پۈتۈن رۇسىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىدا شۆھرەت قازىنىپ، ياشلارنىڭ چوقىنىدىغان چولپىنىغا ئايلانغان ئىدى.
مۇرات ناسىروپنىڭ " مەن دېمەك سەن، سەن دېمەك مەن"، " ئايدىڭ كېچە"، " مېنىڭ تارىخىم"قاتارلىق يۈزلىگەن ناخشىلىرى كىشىلەرنىڭ سۆيۈپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن. مۇرات ناسىروپ ھازىرغىچە "مېنىڭ تارىخىم"، " ئويغاتقىن مېنى"، " كىمدۇ بىرى ئەپۇ قىلىدۇ"، "بۇ ئىشلار مەن بىلەن بولمىغان "، "قالدىم يالغۇز" قاتارلىق بەش ئالبۇمىنى نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ پلاستىنكىلىرى كەڭ بازار تاپقان. 90-يىللارنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭ ئەڭ داڭ چىقارغان دەۋرى بولۇپ، بىر قېتىملىق ناخشا كېچىلىكىگە 50 مىڭ ئادەم قاتنىشىشتەك رېكورت يارىتىلغان ئىكەن.
كومپوزىتور ۋە شائىر

مۇرات ناسىروپ ئۆزىنىڭ بەش ئالبۇمىدىكى ناخشىلارنىڭ تېكىستلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى ئۆزى يازغان، مۇزىكىسىنى ئۆزى ئىشلىگەن. ئۇ، باشقىلارنىڭ يېزىپ بەرگەن مۇزىكىسى بىلەن سۆزىگە ناخشا ئېيتىشنى ياقتۇرمىغان.
مۇرات ناسىروپ مەخسۇس كومپوزىتورلۇق ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ رۇس ناخشىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى جۈملىدىن ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستان مۇزىكىلىرىنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى ياخشى ئۆگەنگەن ھەم تەتقىق قىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆز ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئۆزى ئىشلەش بىلەن ئۆزىنىڭ ھېسسىياتى بىلەن سۆزىنى ۋە مۇزىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرالىغان.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ رۇسىيە ناخشا پادىشاھى ئاللا پۇگاچېۋا، فىللىپ كىركىروپ قاتارلىق كۆپلىگەن چولپانلارغا مۇزىكا ۋە سۆز تېكىستى يېزىپ بەرگەن. قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تېياتىرىنىڭ دىرېكتورى مۇرات ئەخمەدى مۇرات ناسىروپتەك مۇنداق كۆپ قىرلىق تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ خۇدا بەرگەن تەبىئىي ئاۋازى بار ھەقىقىي تالانتلىق ناخشىچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇرات رۇسىيە سەھنىلىرىدە دائىم ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتقان
مۇرات ناسىروپ ئۈچ- تۆت يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرچە ناخشا ئىجاد قىلىش ۋە ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىشقا باشلىغان. مۇراتنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشا ئىجادىيىتى ئاساسلىقى ئۇنىڭ دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن كۈچىيىشكە باشلىغان.
ئۇ، دادىسىغا بېغىشلاپ، ئۇيغۇرچە ناخشا ئىجاد قىلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئالمۇتا ۋە يەركەتتىكى ئۇيغۇر مۇزىكانتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان شۇنىڭدەك ئۇيغۇر يېزىلىرىغا بېرىپ، ئۇيگۇر ھاياتىنى ۋە ئاھاڭلىرىنى ئۆگەنگەن.
بۇ جەرياندا يەركەت شەھىرىدىكى "يەركەت بۇلبۇللىر" ناملىق گۇرۇپپىنىڭ چالغۇچىسى پولات مۇرات ئۈچۈن كۆپ پىداكارلىق كۆرسەتتى. ئۇ، مۇراتقا ئۇيغۇر ئاھاڭلىرىنى ۋە خەلق ناخشىلىرىنى توپلاشقا ياردەملەشتى. ئاخىرى، مۇرات ناسىروپ 2004-يىلى دادىسىغا بېغىشلاپ "قالدىم يالغۇز" ناملىق ئۆزىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە ناخشا ئالبۇمىنى تەييارلاپ موسكۋا شەھرىدە نەشىر قىلىپ تارقاتتى. بۇ رۇسىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇرچە ئۈن پلاستىنكىسى بولۇپ، مەزكۇر پلاستىنكا موسكۋانى ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيە بازارلىرىغا ھەتتا ئۇيغۇر دىيارىغىمۇ تارقالدى.
قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ دىرېكتورى مۇرات ئەخمەدى مۇرات ناسىروپنىڭ قەشقەردىن راۋاب ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنى چېلىشنى ئۆگەنگەنلىكى ھەتتا قازاقىستانغا قايتىپ كېلىپ، ئۇيغۇر ناخشا-ئىجادىيىتى بىلەن كەڭ شۇغۇللۇنۇشنى ئويلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇرات ناسىروپنىڭ ئىجادىيىتىگە دادىسى تەسىر كۆرسەتكەن
مۇرات ناسىروپ 1969-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدىكى دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئىسمائىل ئاكا سابىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ جەڭچىسى بولۇپ، 50-يىللاردا قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەن. ئىسمائىل ئاكا سەنئەتكار بولۇپ، مۇراتنىڭ ناخشىچى بولۇپ يېتىلىشىدە ئۇنىڭ رولى ۋە تەسىرى چوڭ بولغان. مۇرات ھەربىي ۋەزىپىسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن موسكۋاغا بېرىپ، مۇزىكا مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇغان ھەم ئەلا نەتىجىدە بىلەن پۈتتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ داۋاملىق موسكۋادا ياشاپ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆز كۈچى ۋە تالانتىغا تايىنپ، ئاخىرىدا تەخمىنەن ئۈچ يۈز مىليون نوپۇسلۇق مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوسلۇقىغا تونۇلۇش سەۋىيىسىگە يەتكەن ئارتىستقا ئايلانغان.
مۇرات ناسىروپ ئۆز خەلقىنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ھەممىلا يەردە ئۇيغۇرنى تەشۋىق قىلغان. تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدىمۇ ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە تاماقلىرىنى ھەم تارىخىنى تونۇشتۇرغان. ئۇ، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ۋە مارالبېشى نايىھىلىرىدىكى يەر تەۋرەشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، موسكۋادىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە مەخسۇس خەيرىساخاۋەتلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ۋاپات بولغان ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىغا ماتەم بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلدى.
مۇرات ناسىروپ ئۆز خەلقىنى قانچە سۆيسە، ئۆز خەلقىمۇ مۇراتنى شۇنچە سۆيدى. ئۆتكەن يىلى ئالمۇتادىكى قازاقىستان ئۇيغۇر بايلىرى كۇلۇبى تەشكىللىگەن "ئىلھام مۇكاپاتى" بېرىش مۇراسىمىدا باھالىغۇچىلار بىردەك ھالدا ئۇنىڭ تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سەنئەت ۋە ناخشا-مۇزىكا ساھەسى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك "ئىلھام مۇكاپاتى" بەردى.
مەرھۇم مۇرات ناسىروپنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشا-ئىجادىيىتى، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرى تېخى ئەمدى باشلىنىپ، مول مېۋە بېرىش ئالدىدا ئۆز خەلقىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى. ئەمما، ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازلىرى ۋە تالانتى ئەبەدىي ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا قالدى. (ئۈمىدۋار)