مەشھۇر ئۇيغۇر ناخشىچىسى مۇرات ناسىروپنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان قاراشلار
2007.01.23

رۇسىيىنىڭ مەشھۇر ئۇيغۇر ناخشىچىسى مۇرات ناسىروپ 19-ياۋار كۈنى ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى بۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق گېزىتلىرى، ئىنتېرنەت تورلىرى مۇرات ناسىروپنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە تۈرلۈك قىياسلارنى ئېلان قىلىشماقتا. ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، مۇرات ناسىروپ 19-يانۋار كۈنى كەچ سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە موسكۋا شەھىرىدىكى 5-قەۋەتكە جايلاشقان ئۆيىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ نەق مەيداندا جان ئۈزگەن. ئۇ بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن ئىدى.
سىرلىق ئۆلۈم
رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدا مۇرات ناسىروپنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئىككى خىل يەكۈن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى " ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى" دەپ قاراش بولسا، يەنە بىرى " ھادىسىگە ئۇچرىدى" دېگەن يەكۈندۇر. نەق مەيداننى تەكشۈرگە ساقچى دائىرىلىرى ئۆينىڭ بالكونىدىن ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما، مەرھۇم مۇراتنىڭ دىرېكتورى ئالېكساندىر سكۇرخىن بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بەلكى، ئۇنىڭ بالكوندىن تېيىلىپ كېتىش سەۋەبى بىلەن چۈشۈپ كېتىشتەك ھادىسە بىلەن قازا قىلغانلىقىنى ئېيتقان. مۇرات قازا قىلغاندا ئۆيدە ئىككى پەرزەنتى بىلەن قەيىن ئانىسى بار بولۇپ، ساقچىلار مۇرات ناسىروپنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى دېگەن يەكۈننى چىقىرىشتا ئۇنىڭ ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرگەن قەيىن ئانىسىنىڭ سۆزلىرىنىمۇ ئاساس قىلغان.
لېكىن، مۇرات ناسىروپنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ھەققىدىكى يەكۈنلەرگە ئۇنىڭ ئايالى ۋە يېقىن دوستلىرى قوشۇلمىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مۇرات ئىمان-ئېتىقادى ياخشى بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئىشنى سادىر قىلمايدىكەن. مۇراتنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى، "يەركەت بۇلبۇللىرى" ئانسامبىلىنىڭ مەسۇلى، پولات ھېزىموپ بۇ يەكۈننى ئىنكار قىلىپ، بۇنىنغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى 3-ئايدا مۇرات ناسىروپنىڭ ئالمۇتىدا چوڭ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، تېخى ئىككى كۈن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن كەچلىك پائالىيەتنىڭ تەييارلىق ئەھۋالى ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
موسكۋادىكى ئاتاقلىق سودىگەرلەر گېزىتى ماقالە ئېلان قىلىپ، مۇرات ناسىروپنىڭ ئىجادىيەت سەۋەبى بىلەن يەنى ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەك نامىنىڭ كوپ چىقماي قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك چۈشكۈنلىشىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش يولىنى تۇتقانلىقىنى يازغان. بىر قىسىم جۇرنالىستلار ھەتتا مۇراتنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ياكى ھاراقتىن خۇدىنى يوقىتىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلىشقان. ئەمما، ئۇنىڭ يېقىن دوستى پولات ئەپەندى مۇرات ناسىروپنىڭ ھاراق ئىچمەيدىغانلىقى، ھەتتا تاماكا چەكمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، رۇس جۇرنالىستلىرىنىڭ قالايمىقان خۇلاسە چىقارغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
مۇرات ناسىروپنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرلىق تۈس ئالغانلىقى، بۇ ئۆلۈمنىڭ زادى قانداق كېلىپ چىققانلىقى كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىماقتا ھەم بۇ ھەقتە ئېنىقلاشلار داۋاملاشماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە پولات ھېزىموپ " بۇنىڭدا قانداقتۇر بىر كۈچ بار، بىر يوشۇرۇن كۈچ بار" دەپ ئىزاھ بەردى.
ئاللا پۇگاچەۋا: مۇرات تەبىئىي تالانتلىق، تەبىئىي ئاۋازغا ئىگە ناخشىچى ئىدى
رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى زىل-زىلىگە سالغان مۇرات ناسىروپنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىگە ئائىت بۇ خەۋەرلەر بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭ ئىجادىي ھاياتىغا يۇقىرى باھا بېرىلگەن ماقالىلارمۇ كۆپلەپ ئېلان قىلىندى. رۇسىيە ۋە قازاقىستان مەتبۇئاتلىرى تالانتلىق بىر سەنئەتكاردىن ئايرىلىپ قېلىغانلىقى ھەققىدە يېزىشتى. رۇسىيە زامانىۋى ناخشا پادىشاھى، ئاللا پۇگاچەۋا خانىم كۆز ياشلىرىنى ئاققۇزغان ھالدا مۇراتنىڭ مېيىتى بىلەن خوشلىشىپ، 'مۇرات ھەقىقەتەن تالانتلىق، تەبىئىي ئاۋازغا ئىگە ئارتىست ئىدى، ئۇنىڭ ياپ-ياشلا ھاياتىدىن ئايرىلىشى، زور بىر يوقىتىش" دەپ باھا بەردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، رابىيە قادىر خانىممۇ مۇرات ناسىروپقا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە مۇرات ناسىروپنىڭ ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مەدەنىيەت كېچىلىكىگە كېلىشكە ۋەدە بېرىپ، 3-ئايدا ۋاشىڭتونغا كەلمەكچى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئەكسەرتتى.
ئەسلىدە رۇسچە ناخشا ئېيتىپ، داڭ چىقارغان مۇرات ناسىروپ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا سەھنىلىرىدە ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىشنى كۈچەيتكەن، ھەممىلا يەردە ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرغان ھەتتا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ قاتناشقان سورۇندا ناخشا ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ناخشىلىردىن ھوزۇرلانغان پۇتىننىڭ "سەن قايسى دۆلەتكە تەۋە؟" دەپ سورىغان سوئالىغا، " مەن قازاقىستاندا تۇغۇلدۇم، رۇسىيىدە ناخشىچى بولۇپ تونۇلدۇم، لېكىن مېنىڭ مىللىتىم ئۇيغۇر" دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مەشھۇر ئۇيغۇر ناخشىچىسى مۇرات ناسىروپنىڭ ئىجادىي ھاياتى
- ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخىشىچى مۇرات ناسىروپ، دۈشەنبە كۈنى ئالماتادا دەپنە قىلىندى
- ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروپ ۋاپات بولدى
- قازاقىستان باش مىنىستىرى كەرىم مەسۈموپ ھەققىدىكى تۈرلۈك ئىنكاسلار داۋاملاشماقتا
- قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ كەرىم مەسۈموپ ۋە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرى
- قازاقىستاندا ئۇيغۇر ھۆكۈمەت باش مىنىستىرى بولۇشى مۇمكىنمۇ؟
- ساخاۋەتلىك ياشلارنىڭ ياردىمىدە ئالما-ئاتا شەھىرىدىكى سۇلتان قورغان رايونىدا يېڭى بىر مەسچىت قەد كۆتۈردى