
ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروپنىڭ ۋاپات بولغىنىغا ئون كۈندىن ئاشتى. 37 ياشلىق مۇرات ناسىروپنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى پەقەت ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابەتلىرىگىلا قايغۇ ئېلىپ كەلمەستىن بەلكى، ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ۋە ئۇنىڭ تالانتىغا قايىل بولغان سانسىزلىغان ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ قايغۇسى ۋە ئېچىنىشىنى قوزغىغانلىقى مەلۇم.
بولۇپمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر پەخىرلىك ئوغلانىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالغانلىقىدىن تېخىمۇ ئېچىنىش ھېس قىلغان بولۇپ، ھەقىقەتەن مۇرات ناسىروپ قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە باشقا جۇمھۇرىيەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان، ئەڭ قەدىرلەيدىغان ئادىمى بولۇپ قالغان ئىدى. مۇرات ناسىروپ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەددىنى مەنىۋى جەھەتتىن بولسىمۇ، يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تالانتلىق بىر خەلق ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان ئىدى.
مۇرات ناسىروپ داۋاملىق رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەتبۇئاتلىرىدا
مۇرات ناسىروپ ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ يېقىملىق ناخشىلىرى ۋە ئىجاد قىلغان مۇزىكىلىرى ھەم ئاكتىپ سەنئەت ۋە جامائەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دائىملىق تەمىسىغا ئايلانغان، ئۇنىڭ قولىدا قەشقەر راۋابىنى كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇر سەنئىتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆزلەۋاتقان قىياپىتى رۇسىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا پات-پات كۆرۈنۈپ تۇرغان بولسا، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت ساھەسىدىكى زور تراگېدىيىلىك ۋەقە سۈپىتىدە ئون نەچچە كۈندىن بۇيان مەتبۇئاتلارنىڭ دائىملىق تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە.
مۇرات ناسىروپ ھەققىدىكى ئۇچۇرلار رۇسىيە ئىزدەش تورلىرىدا ناھايىتى كوپ ساننى ئىگىلىگەن بولۇپ، رۇس تىلىدىكى ئىزدەش تورلىرىدىن Rambler.ru" دا مۇرات ناسىروپقا ئائىت ئۇچۇر 110061 يەردە، Mail.ru دا 45843 يەردە، Yandex.ru دا 45798 يەردە، ئۇچرايدۇ. غەرب دۇنياسىدىكى ئاتاقلىق تورلاردىن Google نىڭ رۇسچە قىسمىدا مۇرات ناسىروپ دېگەن ئىسىم 1 مىليون 560 مىڭ قېتىم ئۇچرايدۇ. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىلىق ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ بىر شەخسكە نىسبەتەن غايەت زور سان ھېسابلىنىدىكەن.
مۇرات ناسىروپنىڭ ھايات ۋاقتىدا ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەققىدە يېزىلغان ئۇچۇر ۋە ماقالىلارنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس. لېكىن، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بارلىق دېگۈدەك رۇسىيە ۋە باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ئەللىرىنىڭ ئاگېنتلىقلىرى، گېزىتلىرى، ئىنتېرنەت سەھىپىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە داۋاملىق ئۇچۇر ۋە ماقالىلارنى ئېلان قىلغانلىقى ھەم قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇر ئىنتەرنەت تورلىرىدىن http://www.km.ru/ , http://utro.ru ۋە باشقىلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن. مۇراتقا ئائىت بۇ ماقالىلاردا ئۇنىڭ تالانتى، نەتىجىلىرى ۋە ۋاقىتسىز ئۆلۈمىگە بولغان ئېچىنىشلار شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدىكى ئىجادىيەتلىرى ھەم ئىش پائالىيەتلىرى يېزىلغان. بۇ ماقالىلاردا يەنە مۇرات ناسىروپنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ ھەم مۇراتنىڭ دوستلىرىنىڭ ئەسلىملىرى شۇنىڭدەك باشقا كۆپلىگەن تېمىلار مەركەزلىك يورۇتۇلماقتا.
ئومۇمەن، رۇس تىلىدىكى مەتبۇئاتلاردىكى ئىنكاسلاردا مۇرات ناسىروپنىڭ ئۆلۈمىنىڭ تولىمۇ تەسادىپىي بولغانلىقى ۋە سىرلىق ھەم ئەجەبلىنەرلىك تۈس ئالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
مۇراتنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى كۆز قاراشلار ھەر خىل بولماقتا
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق چولپىنى، زامانىۋى ناخشا ساھەسىنىڭ پادىشاھى دەپ ھۆرمەتلىنىۋاتقان ئاللا پۇگاچېۋا خانىمنىڭ مۇرات ناسىروپنىڭ ئۆلۈمىدىن ئېچىنىپ،" مۇرات تەبىي تالانتلىق ۋە ئاۋازلىق ناخشىچى ئىدى. بىزنىڭ سەھنىمىز ئەڭ تالانتلىق بىر ئارتىستىن ئايرىلدى" دېگەن باھا سۆزلىرىنى ئېلان قىلدى.
ئومۇمەن، بۇ ماقالىلاردا مۇرات ناسىروپقا "ئاتاقلىق ناخشىچى"، "ئاتاقلىق ناخشا چولپىنى"، "رۇسىيە زامانىۋى ناخش-مۇزىكىسىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى" دېگەندەك باھالار بېرىلگەن. مۇرات تۇغۇلغان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەتبۇئاتلىرىمۇ مۇرات ناسىروپ ھەققىدە كوپ ئۇچۇرلارنى ۋە ياخشى باھا ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالمۇتا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رۇسلان ئارزىيېۋ بۇ نۇقتىنى تەكىتلىدى.
مۇرات ناسىروپنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى ئۇنىڭ مىللەتپەرۋەرلىكى بولۇپ، ئۇ ھەممىلا يەردە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى جاكارلاپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى تونۇشتۇرغان. شۇڭلاشقا مۇرات ناسىروپقا ئائىت يېزىلغان ماقالە-ئۇچۇرلاردا ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئۇ دائىم مۇخبىرلارغا "مەن ئۇيغۇر، ئالمۇتىدا تۇغۇلدۇم، لېكىن، دادام ئىسمائىل سوپى قەشقەردىن كەلگەن. ئانام غۇلجىدا تۇغۇلغان" دېيىشنى ئۇنۇتمىغان ھەتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ خەلق بولغانلىقى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن پەخرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرغان. (ئۈمىدۋار)