مۇرات ناسىروپنىڭ خانىمىنىڭ مۇرات ناسىروپ ھەققىدە ئېيتقانلىرى


2007.01.31

murat-nasirop-150.jpg
مۇرات ناسىروپ. مۇرات ناسىروپ تورىدىن ئېلىندى

ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروپنىڭ ۋاپات بولغىنىغا ئون كۈندىن ئاشتى. 37 ياشلىق مۇرات ناسىروپنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى پەقەت ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغىلا قايغۇ ئېلىپ كەلمەستىن بەلكى، ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ۋە ئۇنىڭ تالانتىغا قايىل بولغان سانسىزلىغان ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ قايغۇسى ۋە ئېچىنىشىنى قوزغىغانلىقى مەلۇم.

مۇراتنىڭ ئۆلۈمىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا مۇرات ناسىروپنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە تۈرلۈك كۆز قاراشلار ئىزچىل تۈردە ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ تۈپ سەۋەبى ھەققىدە تېخى ھازىرغىچە ئېنىق يەكۈن يوق بولۇپ، مۇرات ناسىروپنىڭ خانىمى ناتالىيە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىر قاتار سوئالىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

ناتالىيە خانىم ھازىرغىچە ئېنىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى يوقلىقىنى ئېيتىپ، "تېخىچە نەتىجە چىقمىدى، نەتىجە يوق، ھەممە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى بىلىشنى خالايدۇ، ھازىر پەقەت پەرەزلەرلا مەۋجۇت" دېدى.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا تۈرلۈك قىياس ۋە ھۆكۈملەر قاتارىدا مۇرات ناسىروپنىڭ بەلكى زەھەرلەنگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىمۇ پەرەزلەر ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ناتالىيە خانىم قولىدا پاكىت بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە بىر نېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنىن ئەسكەرتىپ، "مەنمۇ شۇنداق پەرەز قىلىمەن، لېكىن مېنىڭ قولۇمدا پاكىت يوق، مېنىڭ كىمدۇ بىرى ھەققىدە ئويلاش ياكى ئۇنى كۆرسىتىشكە مېنىڭ قولۇمدا ئىسپاتىم يوق. ئەلۋەتتە، مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا گۇناھكارنى تېپىشنى خالىساممۇ،بىراق مۇمكىن ئەمەس، ئومۇمەن، ئېنىق سەۋەبىنى بىلمەيمىز، بۇ شۇنداق بىر پاجىئەلىك ۋەقە بولدى، مەن بۇ ھەقتە ھېچقانداق تولۇقلىما بېرەلمەيمەن" دېدى.

ناتالىيە خانىم: مۇرات ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالمايدۇ

مەن سەمىمىيلىك بىلەن ئەپسۇسلىنىمەنكى، پۈتۈن خەلق ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى ھەم ھەقىقىي ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەتەنپەرۋەرىدىن ئايرىلىپ قالدى. مۇرات ھەقىقەتەن ئۆز خەلقىنى بەك ياخشى كۆرەتتى، ئۇ ئۆز خەلقىدىن دائىم پەخىرلىنەتتى ھەمدە ئۆز خەلقىنىڭ ئۇنىڭغا قانداق ھۆرمەت مۇئامىلىسىدە ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشىنەتتى.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا تاكى ھازىرغىچە مۇرات ناسىروپنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك تەسىرىدىن ئۆزىنى ئۆينىڭ بالكونىدىن تاشلاپ ئۆلۈۋالغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار داۋاملىشىپ كەلمەكتە. مۇراتنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە دوستلىرى بۇنى ئىزچىل تۈردە رەت قىلدى. مۇراتنىڭ ئايالى ناتالىيە خانىم بۇنى رەت قىلىپ، مۇنداق دېدى:

"مۇرات ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالمايدۇ، ئۇنى زەھەرلىك چېكىملىك چەكتى دېگەن گەپمۇ مۇمكىن ئەمەس، مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن. ئۇ ھاياتلىقنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، گەرچە مەن ئۇنىڭ بىلەن ھاياتىم بويىچە بىرگە بولغان، ئەڭ يېقىن ئادەم بولساممۇ، ئۇنىڭ ئۆلۈمى خۇددى باشقىلارغا ئوخشاشلا مەن ئۈچۈنمۇ چۈشىنىكسىز بىر ئەھۋالدۇر"

ناتالىيە خانىم مۇراتنىڭ ناسىروپنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالماسلىقىغا پاكىت سۈپىتىدە ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ پىلانلىرى بار، ھاياتقا ئۈمىدۋار بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ يەنە مۇنداق دېدى:

"ئۇنى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى دېگەن سۆز پۈتۈنلەي ئۇنىڭ پىلانلىرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، توغرا ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ئامېرىكىغا بېرىشنى پىلانلىغان، ئۇ مېنى ئۇ يەردە كۈتىۋاتىدۇ دەپ ئېيتقان ئىدى. مۇرات يەنە ئالمۇتىدا دوستلىرى ۋە يۇقىرى سەۋىيىلىك ئارتىستلار قاتناشقان ئۆزىنىڭ چوڭ كونسىرتىنى ئۆتكۈزۈشنى، يېڭى ناخشا ئالبۇملىرىنى چىقىرىشنى پىلانلىغان. ئۇنىڭ بىر قاتار زور پىلانلىرى بار ئىدى".

ناتالىيە خانىم: مەن ئۇيغۇر خەلقىنى مۇرات ئارقىلىق بىلگەن ۋە سۆيگەن

ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر پەخىرلىك ئوغلانىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالغانلىقىدىن تېخىمۇ ئېچىنىش ھېس قىلغان بولۇپ، ھەقىقەتەن مۇرات ناسىروپ قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە باشقا جۇمھۇرىيەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان، ئەڭ قەدىرلەيدىغان ئادىمى بولۇپ قالغان ئىدى. مۇرات ناسىروپ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەددىنى مەنىۋى جەھەتتىن بولسىمۇ، يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تالانتلىق بىر خەلق ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان ئىدى. ناتالىيە خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

"مەن سەمىمىيلىك بىلەن ئەپسۇسلىنىمەنكى، پۈتۈن خەلق ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى ھەم ھەقىقىي ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەتەنپەرۋەرىدىن ئايرىلىپ قالدى. مۇرات ھەقىقەتەن ئۆز خەلقىنى بەك ياخشى كۆرەتتى، ئۇ ئۆز خەلقىدىن دائىم پەخىرلىنەتتى ھەمدە ئۆز خەلقىنىڭ ئۇنىڭغا قانداق ھۆرمەت مۇئامىلىسىدە ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشىنەتتى. مەن بارلىق ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە يەنى مەن مۇرات ئارقىلىق بىلگەن ۋە سۆيگەن بۇ خەلق بىلەن بىرگە مۇراتنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرماقتىمەن".

مۇرات ناسىروپنىڭ خانىمى ناتالىيانىڭ ئېيتىشىچە، مۇرات ناسىروپنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى ئۇنىڭ مىللەتپەرۋەرلىكى بولۇپ، ئۇ ھەممىلا يەردە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى جاكارلاپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى تونۇشتۇرغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ خەلق بولغانلىقى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن پەخرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرغان.

مۇرات ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلەشتىن ھوزۇر ھېس قىلاتتى

"مۇرات ئۇيغۇر ئەنئەنىسى ۋە يىلتىزى ھەم تارىخىنى ئۆگىنەتتى. ئۇ دائىم، بىزگە بۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇ ئۆزى بىلەن بىرگە بولغان ھەممىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلەپ ھەرگىز ھارمايتتى. ئۇ ئۇيغۇر خەلقى ھەققىدە سۆزلەشتىن ھوزۇر ھەس قىلاتتى. ھەممىلا يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ، كىشىلەرنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشتۇرۇشقا تىرىشاتتى" دەيدۇ ناتالىيە خانىم.

ناتالىيە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، مۇرات ناسىروپ دادىسىدىن خەتمە-قۇرئان قىلىشنى ئۆگەنگەن مۇرات بەزىدە ناماز ئوقۇغان، دائىم قۇرئان ئوقۇشنى مەشىق قىلىپ، دادىسىدەك سەۋىيىگە يېتىشكە تىرىشىدىكەن. ئۇ نامازمۇ ئوقۇغان بولۇپ، "40 ياشقا كىرگەندە ئىسلامىي قائىدە بويىچە تولۇق ناماز ئوقۇپ، ئېتىقاد بىلەن يۈرىمەن"، دېگەن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.