رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 19-يانۋار كۈنى موسكۋادىكى ئۆيىدە سىرلىق تۈردە ۋاپات بولغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى ۋە كومپوزىتور مۇرات ناسىروپقا بېغىشلانغان مەخسۇس خاتىرىلەش كېچىلىكى ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ كونسېرتقا رۇسىيىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ناخشا چولپانلىرىدىن 50 نەچچە ئارتىستنىڭ ئالمۇتىغا بېرىپ قاتنىشىپ، مۇرات ناسىروپنىڭ ناخشىلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا بېغىشلانغان ناخشىلارنى ئورۇنلايدىكەن.
مۇرات ناسىروپنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان پولات ھېزىموپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كېچىلىككە 80-90 مىڭ دوللار چىقىم قىلىنىشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ پۇللارنى ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئىئانە شەكلى بىلەن توپلاش قارارىغا كەلگەن.
قازاقىستاندىكى ئالمۇتا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رۇسلان ئازرىيېۋ ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
پولات ھېزىموپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قازاقىستان تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك بىر خاتىرىلەش كېچىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. (ئۈمىدۋار)
