
" سېنىڭ كۈنىڭ" دەپ ئاتالغان رۇسىيە گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 15-مارت كۈنى قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدىكى جۇمھۇرىيەت سارىيىدا 19-يانۋار كۈنى موسكۋادا سىرلىق تۈردە قازا قىلغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروپقا بېغىشلانغان ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.
رۇسىيە گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە كونسېرتقا رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق چولپانلىرىدىن ئالىيونا ئاپىنا، مارىنا خلېبنىكوۋا شۇنىڭدەك "ئا –ستۇدىيە" دەپ ئاتالغان گۇرۇپپىنىڭ ئارتىستلىرى ئىشتىراك قىلغان. رۇسىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئاتاقلىق رىياسەتچىسى بۇراتايېۋا كونسېرتقا رىياسەتچىلىك قىلغان.
ئالمۇتىدىكى مۇناسىۋەتلىك شەخسلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قازاقىستان تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق داغدۇغۇلۇق ئۆتكەن بىر خاتىرىلەش كونسېرتى بولۇپ، ئىلگىرى مۇنداق رۇسىيىدىن 40 نەچچە ناخشا چولپىنى كېلىپ، قازاقىستان ئارتىستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئويۇن قويىدىغان ئىش بولۇپ باقمىغان ئىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، رۇسىيە ۋە قازاقىستان چولپانلىرى ئاساسەن دېگۈدەك مۇرات ناسىروپنىڭ ناخشىلىرىنى ھەم ئۇنىڭغا بېغىشلاپ ئىجاد قىلىنغان ناخشىلارنى ئورۇندىغان شۇنىڭدەك ئېكراندا مۇراتنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ۋە باشقىلار تونۇشتۇرۇلغان.
قازاقىستاننىڭ "يەركەت بۇلبۇللىرى" دەپ ئاتالغان ئەنئەنىۋى ناخشا-مۇزىكا گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، كومپوزىتور پولات ھېزىموپ ئۆزىنىڭ مۇرات ناسىروپقا بېغىشلاپ ئىجاد قىلغان " "سېغىنىش" ناملىق مۇزىكىسىنى ئۆركەستىرنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن تەمبۇر بىلەن ئورۇنلاپ، تاماشىبىنلارنى ھاياجانغا سالغان. قازاقىستانغا تونۇلغان ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى دىلناز ئەخمەدىيېۋامۇ ئىككى ناخشا ئورۇندىغان.
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىمقى كونسېرتنى ئالمۇتادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى پۇل ئىئانە قىلىش ئارقىلىق ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، كونسېرت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن " قەشقەر رېستۇرانى"دا رۇسىيە ۋە قازاقىستان چولپانلىرىغا زىياپەت بېرىلگەن شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ياشلىرى ۋەكىللىرى رۇسىيە چولپانلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپىلىرىنى ۋە كىچىك راۋابلىرىنى سوغا قىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇرات ناسىروپنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي، ۋاقىت ئاجرىتىپ ئالمۇتىغا كەلگەنلىكىگە ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن رەھمەت ئېيتقان. ئالىيونا ئاپىنا قاتارلىق ئاتاقلىق رۇسىيە چولپانلىرى نۆۋەت بىلەن سۆزگە چىقىپ، مۇراتنى ئۆستۈرگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەنئىتىدىن ۋە تالانتىدىن شۇنىڭدەك مېھماندوست ئاق كۆڭۈللۈكىدىن سۆيۈنگەنلىكلىرىنى، ئۆزلىرىنىڭ يېقىن دوستى مۇرات ناسىروپ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىسىملىك بۇ قەدىمى، ئۇلۇغ خەلقنى بىلگەنلىكىنى ئىزھار قىلىشقان شۇنىڭدەك مۇرات ناسىروپنى خاتىرىلەش سەنئەت كېچىلىكىنى پات يېقىندا موسكۋادا ئۆتكۈزۈش ھەمدە بۇنىڭغا يەنە موسكۋادىكى ئاللا پۇگاچىيوۋا قاتارلىق پېشقەدەم چولپانلارنىمۇ قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇراتنى ئەسلەش ھەم ئۇيغۇر خەلقىنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن.
مۇرات ناسىروپنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ھەقىقىي سىرى تېخى ھازىرغىچە ئاشكارىلانمىغان بولۇپ، مۇراتنىڭ دوستلىرى، ئۇرۇغ تۇغقانلىرى ساقچىلار ئېيتقاندەك ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ بالكونىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغان بولماستىن بەلكى، نامەلۇم ئادەملەر تەرىپىدىن زىيانكەشلىق ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. (ئۈمىدۋار)