مۇرات ناسىروپنىڭ خاتىرىسىگە ئالماتىدا "قەلبكە يېقىن ئاھاڭلار" ناملىق كونسېرت

0:00 / 0:00

15-مارت كۈنى قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدىكى جۇمھۇرىيەت سارىيىدا قازاقىستان بىلەن رۇسىيىنىڭ ئورتاق ناخشىچىسىغا ئايلانغان ناخشا چولپىنى مەرھۇم مۇرات ناسىروپنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان "قەلبكە يېقىن ئاھاڭلار" ناملىق چوڭ كونسېرت بولۇپ ئۆتتى.

ئالمۇتىدىكى مۇناسىۋەتلىك شەخسلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قازاقىستان تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق داغدۇغۇلۇق ئۆتكەن بىر خاتىرىلەش كونسېرتى بولۇپ، ئىلگىرى مۇنداق رۇسىيىدىن 40 نەچچە ناخشا چولپىنى كېلىپ، قازاقىستان ئارتىستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئويۇن قويىدىغان ئىش بولۇپ باقمىغان ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، رۇسىيە ۋە قازاقىستان چولپانلىرى ئاساسەن دېگۈدەك مۇرات ناسىروپنىڭ ناخشىلىرىنى ھەم ئۇنىڭغا بېغىشلاپ ئىجاد قىلىنغان ناخشىلارنى ئورۇندىغان شۇنىڭدەك ئېكراندا مۇراتنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ۋە باشقىلار تونۇشتۇرۇلغان.

قازاقىستاننىڭ "يەركەنت بۇلبۇللىرى" دەپ ئاتالغان ئەنئەنىۋى ناخشا-مۇزىكا گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، كومپوزىتور پولات ھېزىموپ ئۆزىنىڭ مۇرات ناسىروپقا بېغىشلاپ ئىجاد قىلغان "سېغىنىش" ناملىق مۇزىكىسىنى ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن تەمبۇر بىلەن ئورۇنلاپ، تاماشىبىنلارنى ھاياجانغا سالغان. قازاقىستانغا تونۇلغان ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى دىلناز ئەخمەدىيېۋامۇ ئىككى ناخشا ئورۇندىغان.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.