ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخىشىچى مۇرات ناسىروپ، دۈشەنبە كۈنى ئالماتادا دەپنە قىلىندى


2007.01.22

19 ‏- يانۋار كۈنى موسكۋادا ۋاپات بولغان رۇسىيىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشىچى مۇرات ناسىروپ، دۈشەنبە كۈنى ئالماتادا دەپنە قىلىندى.

قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ ئالماتادىن خەۋەر قىلىشىچە، ناسىروفنىڭ دەپنە مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، دەپنە مۇراسىمىغا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار، رۇس ۋە قازاقىستانلىق سەنئەتچىلەردىن بولۇپ 1000 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. ئابدۇللانىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايىفنىڭ قىزى دارىغا قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قازاقسىتان سىياسىي ئەربابلىرى مۇراسىمغا تەزىيە تېلېگراممىلىرى ئەۋەتكەن.

رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكس ئاگېنتلىقى ناسىروپنىڭ 19‏- يانۋار كۈنى كەچ سائەت 10 دىن 30 مىنوت ئۆتكەندە 5‏- قەۋەتكە جايلاشقان موسكۋادىكى ئۆيىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مۇرات ناسىروفنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى ئېنىقلاش ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.