0:00 / 0:00
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئاتاقلىق كومپوزىتور ۋە ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروپنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدە داۋاملىق ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنماقتا. يېقىندا مەرھۇمنىڭ ئالمۇتىدا ياشايدىغان ئاكىسى، يەنى قازاقىستان ئارمىيىسىنىڭ پېنسىيىگە چىققان پولكوۋنىكى نىجات ناسىروپ ئەپەندى رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىغا پىكىر بايان قىلىپ، ئىنىسىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە تاكى ھازىرغىچە تەكشۈرۈش خۇلاسى چىقمىغانلىقى، مۇراتنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىق ئېھتىماللىقىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. نىجات ئەپەندى مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل ئۆز كۆز قاراشلىرى ۋە پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.