تۈرك دۇنياسى زېھىن سىناش مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 3 – لىككە ئېرىشتى


2006.04.24

4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئىستانبۇلدا 6 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇسابىقىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 3 - لىكنى قولغا كەلتۈردى.

ياۋروئاسىيا بىر ۋەخپى ۋە تۈرك ئوچاقلىرى جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان 6 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى زېھىن سىناش مۇسابىقىسىغا ئازەربايجان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ئافغانىستان، قازاقىستان، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر شۇنداقلا ئاغىسكا تۈركلىرى، ئىرانلىق ئازەرىلەر، ئۇيغۇرلار ۋە تۈۋا جۇمھۇرىيەتلىرى قاتارلىق يەرلەردىن كېلىپ تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى. 260 نومۇر بىلەن قىرغىزىستان بىلەن ئازەربايجان بىرىنچى، 230 نومۇر بىلەن ئاغىسكا تۈركلىرى بىلەن تۈركمەنىستان ئىككىنچى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولسا 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

تۈرك دۇنياسى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغان ياۋروئاسىيا بىر ۋەخپى رەھبىرى شابان گۈلباھار ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.