0:00 / 0:00
باش شتابى ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدىكى تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى نېپالدا تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم تىبەت مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىنىڭ نىپالدىكى تىبەت مۇساپىرلىرىنى كۆچۈرۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا دۆلەتلەردە تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئامېرىكىغا كۆچۈرۈش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى خوشاللاندۇردى ۋە ئۈمىدلەندۈردى .
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۇزۇندىن بۇيان ،ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئامېرىكىغا كۆچۈرۈش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.