دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار يىغىنىغا قاتناشتى
2007.03.14
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈركىيە شۆبىسىنىڭ مۇساپىرلار ئىشخانىسى ئۆزلىرىدىن پاناھلىق تىلەپ تۈركىيىدە نەتىجە كۈتۈۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن يىغىن چاقىردى. بۇ يىغىنغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈركىيە شۆبىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى مەسئۇلى سېدا ئالپ خانىم، مۇساپىرلارغا مەسئۇل كىشىلەردىن كاتجا كوئۇرتتر قاتارلىق كىشىلەر رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىنغا يەنە قەيسىرى خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مەسئۇلى، قەيسىرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋەكىلى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تۈركىيە شۆبىسى مەسئۇلى، مەزلۇملار جەمئىيىتى مەسئۇلى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ 15 ئەتراپىدا ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى قاتناشتى. يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيىدە نەتىجە كۈتۈپ تۇرىۋاتقان 350 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈركىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن سېدا ئالپ خانىم قەيسىرىدە چاقىرىلغان بۇ يىغىن ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر مۇساپىرلار ئىدارىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيىدىكى ئىشخانىمىزغا كېلىپ پاناھلىق تىلەپ نەتىجىسىنى كۈتۈۋاتقان كىشىلەر ياشاۋاتقان 26 ۋىلايەتتە يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتىمىز. قەيسىرىمۇ بۇلارنىڭ بىرى. قەيسىرى بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر ۋىلايەت. چۈنكى،قەيسىرى باشقا ۋىلايەتلەرگە قارىغاندا مۇساپىرلار ئەڭ كۆپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەرلەرنىڭ بىرى. بىز ھۆكۈمەت ئىدارىسى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە يىغىن چاقىرىپ تۈركىيەدىكى مۇساپىرلارغا قانداق ياردەم قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز.
بۇ خىل يىغىنلارنىڭ مەقسىتى نىمە، دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاپ بەرگەن سېدا ئالپ خانىم مۇنداق دېدى:
"بۇ ھەقتە مەن سىزگە تېخنىك جەھەتتىن ئىزاھاتمۇ بېرىپ ئۆتەي، تۈركىيە 1951-يىلى جەنۋەدە ئېلان قىلىنغان مۇساپىرلار توختامنامىسىگە تۇنجى قول قويغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. توختامنامىگە ئاساسەن تۈركىيە ئۆز دۆلىتىدە دىنى، مىللى كەمسىتىش ياكى سىياسى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ياشاش ئىمكانى بولماي تۈركىيىدىن پاناھلىق تىلىگەن كىشىلەرنى ئۇلار ئۈچىنجى دۆلەتكە قوبۇل قىلىنغۇچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە بۇيەردە تۇرۇشقا رۇخسەت قىلىدۇ. ئەمما تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى گىراجدانلىققا ئېلىش، ئاسىيا ۋە باشقا قىتئەلەردىن كەلگەنلەرنى گىراجدانلىققا ئالماسلىق دىگەن ماددىنى قوشۇپ قويغان. شۇڭا بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرتى توشقانلارنى بىر مەزگىل تۈركىيىدە ساقلاتقاندىن كېيىن باشقا دۆلەتلەرگە ئەۋەتىۋاتىمىز. باشقا دۆلەتلەر قوبۇل قىلغۇچە بولغان مۇددەت ئىچىدە بۇلارنى مېھمان قىلىۋاتىمىز".
سېدا ئالپ خانىم تۈركىيىدە مۇساپىر دەپ قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن باشقا دۆلەتلەرگە كېتەلمەي 3-4 يىلدىن ياقى ساقلاۋاتقانلار بار. بۇنىڭ سەۋەبى نىمە، دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:
"باشقا بىر دۆلەتكە قوبۇل قىلىنغۇچە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. ئەپسۇسكى، بىز مۇساپىر دەپ تونۇغان كىشىلەرنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەتلەر ناھايىتى ئاز. ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپى قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ. قوبۇل قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا كانادا، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن بولسا پەقەتلا فىنلاندىيە بار. بۇلار ھەر يىلى بەلگىلىك سان بېرىدۇ. بۇ ساننى ئېشىپ كەتكەنلەرنى بولسا ئورۇنلاشتۇرالمايمىز. تۈركىيىدە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ ئەمما قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت ئاز بولغاچقا ئۇزۇن يىل ساقلاشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ يىغىننى ئېچىشتىكى مەقسىتىمىزمۇ بۇ. بىزنىڭ مەقسىتىمىز بۇ يەردە ياشاۋاتقان مۇساپىرلەرگە ئىقتىسادى، سەھىيە جەھەتلىرىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ تۇرۇپ ياردەم قىلىشتىن ئىبارەت".
تۈركىيە ياۋروپا بىرلىكىگە كىرىش ئۈچۈن مۇساپىرلار قانۇنىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزمەكچى. ئۇنداق بولغاندا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مۇساپىرلارنى تۈركىيە گىراژدانلىقىغا قوبۇل قىلامدۇ؟
"ئەسلىدە بۇ بولىدۇ. ئەمما قاچان بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە يوق. 2012-يىلى بۇنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىۋاتىمىز. تۈركىيە جۇغراپىيىۋى جەھەتتىن چەكلىمە قويغان ماددىسىنى چوقۇم ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. چۈنكى، تۈركىيە ياۋروپا بىرلىكىگە كىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر دۆلەت".
تۈركىيىدە ياشاۋاتقان 350 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ مەسىلىسىنى بۇلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرى ئۈستىدە توختالدى. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پارلامېنت ئەزاسى سۇلايمان گۈندۈز ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بۈيۈك ئاناتولىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
- تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتى تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى بىلەن كۆرۈشتى
- كانادا قوش دۆلەت پۇقرالىقى تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئويلاشماقتا
- قازاقىستاندا غايىپ بولغان ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ ئىز دېرىكى ھازىرغا قەدەر ئېلىنمىدى
- دېموكراتىيىنىڭ بۆشۈكىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى - شۋېتسىيە