مۇشەررەپكە قارشى ئىچكى ھەم تاشقى بېسىملار كۈچەيمەكتە

0:00 / 0:00

پاكىستان پرېزىدېنتى مۇشەررەپنىڭ ئۆتكەن شەنبە كۈنىدىن باشلاپ پاكىستاندا ھەربىي ھالەت جاكارلاپ سىياسىي ئۆزگىرىش يۈرگۈزۈشى دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭ مەركىزى نۇقتىسىغا ئايلاندى.يانۋاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پاكىستان پرېزىدېنت سايلىمى ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ كرىزىستا مۇشەررەپ ئىچكى جەھەتتىن ئۆكتىچىلەر، تالىبان قوراللىق كۈچلىرى شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ تەرەپ ‏- تەرەپتىن كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسا، تاشقى جەھەتتىن ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرى بولغان ئامېرىكا، ئەنگىلىيىلەردىن باشقا پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىم ھەم تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.

پاكىستاندا جىددىي ھالەت

بۈگۈن پاكىستاندا جىددىي ھالەت يۈزگۈزۈلۈۋاتقىنىغا بەش كۈن بولدى. 3 - نويابىر كۈنى پاكىستان پرېزىدېنتى مۇشەررەپ ئىسلام ئابادتا تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ پاكىستاندا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى، پاكىستان ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنداقلا ئۇ پاكىستاندا جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈشنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش، بارغانچە كۈچىيىۋاتقان تېررورچى كۈچلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ كېڭىيىشىنى توساش ھەمدە پاكىستان ئىقتىسادىنىڭ يەنىمۇ ناچارلىشىش ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىشنى چىقىش قىلغان ھالدا ئالغان قارارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ سىياسىي ئۆزگىرىش پاكىستاننى ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتلەردىن پالەچ ھالەتكە چۈشۈردى. شۇنداق 1- نويابىردىكى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارىتا خەلقئارادا ئەندىشە پەيدا بولدى.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو ‏- تېلېۋىزىيىسىنىڭ 6 - نويابىردىكى خەۋىرىدە مۇشەررەپنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىشى مۇنداق تەھلىل قىلىنغان : يەنى ئادەتتە بىر دۆلەتتە سىياسىي ئۆزگىرىش مۇنداق ئۈچ خىل ئالاھىدە ھوقۇقلۇق كىشىلەرنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. ھەربىي قىسىمنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، دۆلەت ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ كاتتىبېشى، دۆلەت ھەربىي ئاخبارات ئورگىنىنىڭ كاتتىبېشى، دەرۋەقە پاكىستاندا مۇشۇ ئۈچىلا خىل ھوقوقتىكىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋىز مۇشەررەپ تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئۆزىگە سادىق كىشىلەر.

مۇشەررەپنىڭ ھەربىي فورمىسى

2007 - يىلى كىرگەندىن ھازىرغىچە بولغان مۇشۇ جىددىي ۋەزىيەت داۋامىدا پاكىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش بولۇپ تۇردى. يەنى10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدىمۇ مۇشەررەپنىڭ قايتا پرېزىدېنت سايلانغانلىقى مۇراسىمى ئىنتايىن بىئارام بىر كەيپىياتتا ئۆتتى. مەسىلە يەنىلا مۇشەررەپنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنىڭ بەلگىسى ھەربىي فورمىسىغا بېرىپ تاقالدى. ئەمما ھەر قاچان ھەربىي فورمىسىنى تاشلىماي كىيىۋالىدىغان ھەتتا ئىسلام ئابادتىكى پرېزىدېنت سارىيىدىمۇ فورمىسىنى سالمايدىغان مۇشەررەپ 6 - ئۆكتەبىر بىر قۇر كۈلرەك كىيىم بىلەن سەھنىگە چىقتى. ئەمما ئۇ ئىلگىرى ھەربىي فورما مېنىڭ ئىككىنچى تېرەم، مەن ھەرگىزمۇ ھەربىي فورمىنى ئاسانلىقچە سېلىۋەتمەيمەن. چۈنكى ماڭا ھەممىنى ئارمىيە ئاتا قىلغان " دېگەن.

ئەكسىچە، ئۇ ئۆزىگە قارشى تەرەپتىكى ئۆكتىچىلەر دەپ قارىغان 1500 كىشىنى تىزىمغا ئېلىپ تۇتقۇن قىلىشقا باشلىدى. خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە بۇلاردىن 700 كىشى قولغا ئېلىنغان، يەكشەنبە كۈنى ئۇنىڭدىن باشقا ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋەكىللىك ئادىمى دەپ قارىغان ئىسلامىي گۇرۇھ داھىلىرىدىن قاسىمى قولغا ئېلىندى، پاكىستاننىڭ ئىلگىرىكى دۆلەت ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى ۋە ھەر قايسى سىياسىي ساھەسىدىكى بىر قىسىم نوپۇزلۇق ئەربابلار قاتارىدا يەنە پاكىستاننىڭ دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرىمۇ تۇتۇپ كېتىلدى.

پاكىستان ئالىي سوتىنىڭ باش سوتچىسى ئىپتىخار چادرىينىڭ ۋەزىپىسىنى بىكار قىلىپ ئۆيىدە نەزەربەنت قىلدى. چۈنكى چادرىي 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى پەرۋىز مۇشەررەپنىڭ پرېزىدېنتلىق بىلەن ھەربىي ھوقۇقنى تەڭلا قولدا تۇتۇشىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى. شۇنداقلا بۇ تېز ئارىدا پاكىستان ئەدىلىيە سىستېمىسىنىڭ ئورتاق ئاۋازىغا ئايلاندى.

مۇشەررەپ قانداق رىقابەتلەرگە يۈزلەندى؟

پاكىستان سابىق باش مىنىستىرى شېرىفنىڭ ئىسلامىي پارتىيىسىدىكى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە ۋارىسلىق قىلىۋاتقان قاسىمى قولغا ئېلىنغاندا "مۇشەررەپ ھاكىمىيىتى بەربات بولۇشقا يېقىنلاشماقتا. ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ سىياسىي رولنى ئېلىشى ئاخىرىلىشىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى" دېگەن. پاكىستان سابىق باش مىنىستىرى بۇتتو خانىم ب ب س مۇخبىرىغا "مەن ھازىرغىچە مۇشەررەپنىڭ مېنى قولغا ئالمىغانلىقىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىۋاتىمەن "دەپ بىلدۈرگەن.

ئائىلىسىدە نەزەربەنت قىلىنغان باش سوتچى سەيشەنبە كۈنى تېلېفون ئارقىلىق ئادۋوكاتلارنىڭ مۇشەررەپنىڭ ئاساسىي قانۇننى بىكار قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىردى ھەمدە مۇشەررەپنىڭ ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈشكە كۆرسەتكەن باھانىلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ مۇشەررەپنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى پرېزىدېنتلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىرىشچانلىقى" دەپ بىلدۈردى.

ئۇنىڭدىن باشقا، مۇشەررەپ تالىبانلارنىڭمۇ بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ،تالىبانلارمۇ پاكىستاندا داۋاملىق كۈچىيىپ، يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئافغانىستان، پاكىستان چېگراسىدىمۇ پاكىستان ئارمىيىسى بىلەن ئېتىشىشلار داۋام قىلىپ كەلدى. ھەتتا ئىسلامئابادمۇ ئۇلارنىڭ كۆپ قېتىملاپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

پاكىستان ئىچىدە بولسا قوراللىق كۈچلەرنىڭ قارشىلىشىشى 7 - ئايدا يۈز بەرگەن قىزىل مەسچىت ۋەقەسىدىن كېيىن يەنىمۇ كۈچەيدى. ئەينى چاغدا 100دىن ئارتۇق تالىپلار پاكىستان ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

گەرچە مۇشەررەپ مۇستەقىل ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى تاقاش بىلەن ئالىي سوت رەئىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى قالدۇرغان بولسىمۇ، يەنىلا خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو ‏- تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مۇشەررەپ پاكىستاندا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈشىنى پاكىستاننىڭ رادىكال كۈچلەرنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكى بىلەن باغلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆكتىچى ۋە ئاددىي پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىۋەتكەن.

سەيشەنبە كۈنى ئادۋوكاتلار ۋە ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ نەچچە مىڭ كىشىلىك نامايىشىدىن كېيىن بۈگۈن يەنە ئاممىۋى نامايىشلار شۇنداقلا مۇشەررەپكە قارشى ئۆكتىچىلەر، بۇتتونىڭ قوللىغۇچىلىرى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلغاندىن باشقا، ھەتتا پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ مۇشەررەپنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان. ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا.

بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاز دېگەندە ئۈچ مىڭ ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پاكىستان دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى

پرېزىدېنت پەرۋىز مۇشەررەپنىڭ پاكىستاندا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەنلىكى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەندىشىگە سالدى.

شۇنداقلا پاكىستان ۋەزىيىتى ھەممىنىڭ دىققەت ‏- ئېتىبارىنى تارتماقتا. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە باشلىق غەرب ئەللىرى ئىقتىسادىي ھەم ھەربىي جەھەتلەردىكى ياردەملەرنى توختىتىش، دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى سوغۇقلاشتۇرۇش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ مۇشەررەپنىڭ ھەربىي فورمىسىنى سېلىپ تاشلاپ، ئىككى ئاي ئىچىدە ھەقىقىي دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىلىشىغا ۋاقتىدا كاپالەتلىك قىلىشىغا بېسىم ئىشلەتمەكتە.

يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى مەيدانىنى بايان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ مۇشەررەپ ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرىلا بۇنىڭغا قارشى چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش سەيشەنبە كۈنى مۇشەررەپنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، ئىككىنچى نۆۋەت پرېزىدېنتلىق مۆھلىتىنى ئۆتەشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ بارلىق ھەربىي رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىدىن ئىستىپا بېرىشىنى ھەمدە كېلەر يىلى 1-ئايدا پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە قايتا سايلام ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ھەتتا ئامېرىكا ھەر يىلى بېرىلىدىغان 10 مىليارد دوللىرىلىق ياردىمىنى، ئەنگىلىيە بىر مىليارد دوللار ئىقتىسادىي ياردىمىنى توختىتىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ مۇشەررەپنى ئاگاھلاندۇرۇپ پاكىستاندا دېموكراتىك يول تۇتۇشقا قىستىدى.

پاكىستان دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر سايلام ۋاقىت جەدۋىلىنى ئېلان قىلمىدى،پاكىستاندا كىرزىس ئېغىرلىشىۋاتقان، تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى رىقابەت كەسكىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خەلقئارا جەمئىيەت مۇشەررەپنىڭ پاكىستاندىكى كرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىشتا توغرا، دېموكراتىك يول تۇتۇشىنى چاقىرىق قىلغاندىن باشقا ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە. (گۈلچېھرە)