د ئۇ ق تۈركىيە ب ب پارتىيىسى رەئىسلىكىگە يېڭى سايلانغان مۇستافا دەستىچى ئەپەندىنى تەبرىكلىدى

دۇق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مۇستافا دەستىچى ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، يېڭى ۋەزىپىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلىدى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011-07-29
Share
bbp-bashliqi-mustafa-destichi-seyitni-qobul-qildi-305.jpg تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇستافا دەستىچى دۇق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنى قوبۇل قىلدى. 2011-يىلى 28-ئىيۇل.
RFA/Erkin Tarim
تۈركىيىدە بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل ھالدا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان پارتىيىلەردىن بىرى بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى. پارتىيىنىڭ مەرھۇم رەئىسى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ ئەپەندى كۆپ قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى كۆپ قېتىم بۇ پارتىيىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەت سىياسىتىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى ئاڭلاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنى قايىل قىلالمىغان ئىدى. تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى جۈملىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ داۋاملىق ھالدا بۇ پارتىيىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى ھەققىدە دوكلات تەييارلاپ بۇ پارتىيىگە يەتكۈزۈپ تۇرماقتا. 7-ئاينىڭ 28-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى رەئىسلىكىگە يېڭى سايلانغان مۇستافا دەستىچى ئەپەندىنى پارتىيە مەركىزىدىكى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئالدى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن يېڭى ۋەزىپىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلىدى، شۇنداقلا خوتەندە مەيدانغا كەلگەن ناۋاغ ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەدىن كېيىن خوتەندە يۈرگۈزۈۋاتقان قانۇنسىز ئىجرائاتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
bbp-bashliqi-mustafa-destichi-seyitni-qobul-qildi1-385.jpg
تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇستافا دەستىچى دۇق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنى قوبۇل قىلدى. 2011-يىلى 28-ئىيۇل.
RFA/Erkin Tarim


كېيىن تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
-بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ پەلسەپىسى شۇ، پارتىيىمىز پەقەتلا تۈركىيە خەلقنىڭ پارتىيىسى ئەمەس. مەن ئۆتكەن ھەپتە ئۈچ سىياسىي پارتىيىنىڭ رەئىسى بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇلاردىن باشقا تۈرك دۇنياسىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى بېكىر بوزداغ ئەپەندى بىلەنمۇ ئىككى كۈن بۇرۇن كۆرۈشتۈم، پىكىر ئالماشتۇردۇم. پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرى شۇنى بىلىدۇ، غاززەدىكى پەلەستىنلىكلەر، شەرقىي تۈركىستانلىقلار، چېچەنلەر، ئەزەربەيجانلىقلار، قىرىم تاتارلىرى، كوسوۋو ۋە ماكېدونىيىدىكى تۈركلەرمۇ قىسقىسى دۇنيادىكى ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى تۈركىيىنىڭ قولىغا قارايدۇ، تۈركىيىدىن ئۈمىد كۈتىدۇ. پارتىيىمىزنىڭ مەرھۇم رەئىسى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ ئەپەندى پارتىيىمىزنى تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن، ئېزىلگەن مىللەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ دەپ قۇرغان. شۇڭا بىز بۇرۇندىن تارتىپ تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىگە، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاڭلىتىۋاتىمىز. بىر يىل ئىچىدە خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىسى 3 قېتىم پارتىيىمىزنى زىيارەت قىلدى. بىز خىتاي ئەلچى ۋەكىلى شياۋغا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى پاكىتلار بىلەن ئاڭلاتتۇق. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدۇق.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەملىرىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىزدىكى مەقسەت، ئۇ يەردە قالايمىقانچىلىق چىقىرىش ياكى ئۇ يەردىكى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىش ئەمەس. بىز ئۇلارنىڭ بەخت-سائادەت ئىچىدە بىخەتەر ياشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئەمما بىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قانچىلىك قېيىن ۋەزىيەتتە تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىمىز. بۇ زۇلۇمنىڭ بالدۇرراق تۈگىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. خىتاي ئەلچىسى مېنى شەرقىي تۈركىستانغا تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ. پارتىيە مەركىزىي رەھبەرلىك كومىتېتى بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ قارار قىلىمىز.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى تۈركىيىدىكى ئوڭچى مىللەتچى پارتىيىلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ پارتىيىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا تاپقاندىن كېيىن، پارتىيە رەئىسلىكىگە يالچىن توپچۇ ئەپەندى سايلانغان ئىدى. بۇ يىل 7-ئاينىڭ 2-كۈنى چاقىرىلغان پارتىيە قۇرۇلتىيىدا پارتىيىنىڭ سابىق باش كاتىپى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى پارتىيە رەئىسلىكىگە سايلاندى.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈركنىڭ ئۇچرىشىشى بىر سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشتى. ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت