بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا جەمىيەت كوممۇنىزىمنى ئىنسانىيەتنىڭ بېشىغا كەلگەن بىر بالايى - ئاپەت دەپ قارايدۇ. ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئىنسانلار ئۈچۈن مەخسۇس خاتىرە ئورۇنلىرىنى قۇرغان بولۇپ، مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە خانىۋەيران بولغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە.
كوممۇنىزم ھەر قانداق بىر دىننى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن مەيلى ئىسلام دىنى، مەيلى خرىستىيان دىنى بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسى كوممۇنىزىمنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسلام دۇنياسىدىكى بىر قىسىم ئالىملار مۇسۇلمانلارنىڭ كوممۇنىستلار بىلەن نىكاھلىنىشى ھەم باشقا مەسىلىلەر بويىچە بىر قىسىم پەتىۋالارنى چىقارغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۆمەرجاننىڭ تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.