
بىز رادىئومىزغا ئۇچۇر بەرگەن مەلۇم بىر كىشىدىن، كورلا شەھەر باشلىقى مۇتەللىپ يۈسۈپنىڭ قازا قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كورلا شەھىرىنىڭ ھەر قايسى تور بەتلىرىگە كىرىپ ئىزدەندۇق. ئەمما بۇ كىشى بىزگە ئېيتقاندەك، خىتاي تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمەپتۇ.
بۇ كىشىنىڭ بىزگە ئېيتىپ بېرىشىچە، ھازىر جامائەت ئارىسىدا مۇتەللىپ يۈسۈپنىڭ خىيانەتچىلىك مەسىلىسىگە چېتىلىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقى ھەققىدە سۆز-چۆچەك تارالغان. شۇڭا بىز يەكشەنبە كۈنى كورلا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا بىۋاستە تېلېفون قىلدۇق.
ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىن جاۋاب(1)
بۇ ھۆكۈمەت خادىمى ئۆزىنىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىمىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، بىز يەنە كورلا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا تېلېفون ئۇردۇق.
-يېقىندا بىز كورلا شەھەر باشلىقى مۇتەللىپنىڭ قازا قىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر ئالدۇق. مۇشۇ ئىشنىڭ بولغىنى راستمۇ؟ -كەچۈرۈڭ. بىز تېلېفوندا ھېچقانداق زىيارەت قوبۇل قىلمايمىز. -لېكىن بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بەرگىنى راستمۇ؟ -بىلمەيمەن.
كورلا شەھىرىنىڭ ج خ ئىدارىسى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەر ئىككىلىسى بۇ خەۋەر توغرىسىدا ئۇچۇر بەرمىگەندىن كېيىن، بىز دۈشەنبە كۈنى ئۇلارغا يەنە قايتا تېلېفون قىلدۇق. لېكىن بۇ قېتىم ئۇلار شەھەر باشلىقى مۇتەللىپ يۈسۈپنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ئېتىراپ قىلدى.
بۇ ھۆكۈمەت خادىمى ئۆزىنىڭ مۇتەللىپ يۈسۈپنىڭ خىيانەتچىلىككە چېتىشلىقى بار-يوقلىقىنى ئۇقمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، ھازىر كورلىدىكى جامائەت ئارىسىدا مۇتەللىپ يۈسۈپنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرى تارىلىپ كەتكەن. ئەمما ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ھېچقانداق رەسمىي خەۋەر ئېلان قىلىنمىغان.
ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىن جاۋاب(2)
رادىئومىزغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەن كىشى بىزگە، ھازىر جامائەت ئارىسىدىكى سۆز-چۆچەكلەردە، مۇتەللىپ يۈسۈپنىڭ خىيانەتچىلىك دېلوسىغا چېتىلىپ، يۇقىرىدىن ئۇنى تەكشۈرۈشكە ئادەم كېلىشنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان دەيدىغان گەپ بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دۈشەنبە كۈنى تېلېفونىمىزنى ئالغان ج خ ئىدارىسىدىكى بىر نەپەر خادىم، مۇتەللىپنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ئېتىراپ قىلدىيۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆلىمىنىڭ ئىقتىسادىي خىيانەتچىلىك مەسىلىسىگە چېتىشلىقى بار-يوقلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
-ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانمۇ؟ ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنمۇ؟ -ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان. -ئۇ ئۆلۈشتىن بۇرۇن، ئىقتىسادىي خىيانەتچىلىككە چېتىلىپ قالغانمىتى؟ -بۇنى مەن بىلمەيدىكەنمەن. -ئۇ قانچە ياشلاردا؟ -تەخمىنەن 50 ياشلاردىمىكى -ئۇنىڭ قانچە بالىسى بارتى؟ -ئىككى بالىسى بارغۇ دەيمەن. -ھازىر بۇ خەۋەر مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندىمۇ؟ -ياق.
بىز بۇ خادىمدىن يەنە، مۇتەللىپ يۈسۈپنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى سورىدۇق. ئەمما ئۇ بۇنىڭدىن خەۋىرىنىڭ يوقلىقىنى، ئۇلارغا ھۆكۈمەتتىن بۇ توغرىسىدا ئېنىق بىر خەۋەر كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئاۋامنىڭ جاۋابى
بىز يەنە كورلا شەھىرىدىكى بىر قانچە ئاھالىلىكلەرنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلساق، ئۇلار بۇ خەۋەرنىڭ مۇشۇ 2-1 كۈندىن بۇيان ئېغىزدىن ئېغىزغا تارىلىپ يۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋاڭ فامىلىلىك بىر كىشىنىڭ بۇ ھەقتە ئاڭلىغانلىرى تۆۋەندىكىچە:
-بۇ خەۋەر تېخى گېزىتلەرگىمۇ چىقمىدى. پەقەت ئاغزاكىلا تارىلىپ يۈرىدۇ. -ئۇنداقتا ئۇنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكى توغرىسىدا نېمە گەپ سۆزلەر بولىۋاتىدۇ؟ -ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئوخشايدۇ. قارىغاندا، قولىنىڭ قان تومۇرىنى كېسىپ ئۆلىۋاپتۇ. -ئۇ نېمە سەۋەپتىن ئۆلىۋالغاندۇ؟ -ئېغىزدا ھەر خىل گەپلەر بار. شۇ بەزىلىرى، ئۇنى خىيانەتچىلىك قىلغان ئوخشايدۇ دەيدۇ.
بۇ كىشى سۆزىدە، ھازىر ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا، مۇتەللىپ يۈسۈپنىڭ خىيانەتچىلىك دېلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقى توغرىسىدا سۆز-چۆچەك بولىۋاتقانلىقىنى، ئەمما تەپسىلىي ئەھۋالدىن ئۇلارنىڭ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە مۇتەللىپ يۈسۈپنىڭ زادى نېمە سەۋەبتىن ئۆلگەنلىكى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ۋەقەنى ئاشكارىلىماي تۇرىۋاتقانلىقى يەنىلا نامەلۇم بىر مەسىلە بولماقتا.
كورلا شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىگە بېسىلغان، كورلا شەھەر باشلىقى مۇتەللىپ يۈسۈپنىڭ قىسقىچە تارىخىغا ئاساسلانغاندا، مۇتەللىپ يۈسۈپ 1961- يىلى باينغۇلىن ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. شۇنداق بولغاندا ئۇ بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەن. ئۇ 1984- يىلى خىتاي كومپارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ، 1986- يىلى خىزمەتكە چۈشكەن. شۇنداقلا ئۇ يەنە، 2000 - يىلى خىتاينىڭ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئۇ قازا قىلىشنىڭ ئالدىدا، كورلا شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە كورلا شەھەر باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن.(پەرىدە)