مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى


2006.02.21

يېقىندا مەركىزى نيۇيوركتىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى مەخسۇس يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە دۇنيادىكى 50 تىن ئارتۇق دۆلەتتە يۈز بەرگەن ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئائىت مەسىلىلەرنى يەنى مەتبۇئاتنى كونترول قىلىش ۋە باستۇرۇش، مەتبۇئاتقا تەھدىت ۋە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ۋەقەلەرنى بىر ‏- بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

مۇخبىرلارغا زىيان يەتكۈزۈش يەنىلا ئېغىر

بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە 47 نەپەر مۇخبىر ھاياتىدىن ئايرىلغان مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە، دۇنيادا 125 نەپەر مۇخبىر قولغا ئېلىنغان ھەمدە 47 نەپەر مۇخبىر باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. گەرچە بۇلتۇر ئۆلگەن مۇخبىرلارنىڭ سانى ئىلگىرىكى يىلدىكىدىن ئازراق بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى قاتىللار تەرىپىدىن قەست قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ھەمدە 90% قاتىلغا تا ھازىرغىچە جازا بېرىلمىگەن.

مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۇخبىرلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى لىۋان، لىۋىيە ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپرەك يۈز بەرگەن بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ مەتبۇئات ساھەسىدە زور ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بولۇپمۇ ئىراقتا، بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە 22 نەپەر مۇخبىر باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. مەزكۇر دوكلاتتا لاتىن ئامېرىكىدىكى مەتبۇئات ۋە مۇخبىرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدىمۇ توختالغان. مەسىلەن، مېكسىكا، كولۇمبىيە ۋە برازىلىيە قاتارلىق جايلاردا قاتىللىق دېلوسى بەكمۇ ئەۋج ئېلىپ كەتكەن. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بۇ خىل دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشتا كەسكىن بولالمىغان.

خىتاي، مەتبۇئاتنى ئەڭ قاتتىق كونترول قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى

مەركىزى نيۇيوركتىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا، خىتايدىكى مەتبۇئات مەسىلىسى ھەققىدە ئالاھىدە توختالغان بولۇپ، " خىتاي، دۇنيا بويىچە مەتبۇئاتنى ئەڭ قاتتىق كونترول قىلغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ھەمدە بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە، خىتايدا جەمى 32 نەپەر مۇخبىر قولغا ئېلىنغان" دەپ كۆرسەتكەن.

ئۆتكەن ھەپتە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى ئىشلىتىش مەسىلىسىدە زور چەكلىمىلەرنى قويۇۋاتقانلىقىغا نۇرغۇن باھانىلەرنى كۆرسىتىپ، خىتايدىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرى " ناھايىتى نورمال ۋە ساغلام ھالدا تەرەققى قىلىۋاتىدۇ " دەپ تەكىتلىگەن.

مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا يەنە ئافرىقىدىكى مەتبۇئات مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مەزكۇر رايوندا 15 نەپەر مۇخبىرنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ۋە 13 نەپەر مۇخبىرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم قىلىنغان.

مەزكۇر دوكلاتتا رۇسىيە، قازاقىستان، ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مۇستەقىل مەلۇمات بېرىش خىزمەتلىرىنىڭ زور توسالغۇ ۋە بۇزغۇنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەمدە مەزكۇر دۆلەتلەردىكى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، مەتبۇئات سىياسىتىدە قاتتىق قوللۇق قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، مەتبۇئات ئەركىنلىكى ھەققىدىكى بىر قىسىم خوش -خەۋەرلەرمۇ مەلۇم قىلىنغان.

مەسىلەن، بېرمىدا قولغا ئېلىنغان مۇخبىرلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىرلارنى ئۆلتۈرۈش قاتىللىق دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقى ۋە شۇنداقلا ئاسىيادىكى بىر قىسىم رايونلاردا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ بىر قەدەر ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقانلىقى قاتارلىقلار ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.