چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئىنتېرنېت مەسىلىسى ھەققىدە خىتاينى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئەيىبلىدى


2007.05.31

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېچىلغان خىتايچە تور بەت بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەكرار تاقىۋىتىلمەكتە. مەزكۇر تەشكىلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ " چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ خىتايچە تور بېتىنىڭ قايتا- قايتا تاقىۋىتىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىنى ئاخبارات ئەركىنلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ" دەپ بىلدۈرمەكتە. 30 ‏- ماي كۈنى، خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر تەشكىلات تەرىپىدىن ئېچىلغان خىتاي تىل ‏- يېزىقىدىكى تور بېتىنى قايتا - قايتا تاقىۋېتىپ بارغانلىقى ھەققىدە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

"خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى خەلقئارا مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن مەھرۇم قىلىشى بىر خىل زوراۋانلىق ۋە قانۇنسىز قىلمىش"

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى بلوسېر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى. "كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئۇلار بىزنىڭ تور بېتىمىزنى تاقىۋىتىشتە، ھېچقاچان بىزگە خەۋەر قىلمىدى. بۇ خىل زوراۋانلىق ۋە قانۇنسىز قىلمىش كىشىنى بەكمۇ غەزەپلەندۈرىدۇ. بىزنىڭ تور بېتىمىزدە ھېچقانداق خەتەرلىك مەزمۇن يوق. ئۇنىڭدا پۈتۈنلەي ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئائىت مەزمۇنلارلا بار. ئەلۋەتتە بۇ مەزمۇنلار خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك، لېكىن پۈتۈنلەي خىتايغا ئائىت مەزمۇنلارلا ئەمەس."

ئۇ يەنە، "نۇرغۇنلىغان خەۋەرلەر ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىغا ئائىت خەۋەرلەرمۇ كۆپ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر پەقەت بىزنىڭلا تور بېتىمىزنى ئەمەس، ھەتتا ئەنگىلىيە ب ب س خەۋەرلەر تور بېتىنى ۋە شۇنداقلا باشقا خەلقئارا مەتبۇئات تور پونكىتلىرىنىمۇ توسۇشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى خەلقئارا مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن مەھرۇم قىلىشى بەكمۇ يولسىز بىر ئىش،" دېدى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېچىلغان خىتايچە تور بەت بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەكرار تاقىۋىتىلدى

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ 30 ‏- ماي كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي يېزىقىدىكى بۇ تور بېتى دەسلەپتە 5 ‏- ئاينىڭ 3 ‏- كۈنى ئېچىلىشى بىلەنلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەرھال تاقىۋىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن 5 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى مەزكۇر تور بەت ئىنتېرنېت تور يوللىرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، يەنە بىر قېتىم ئېچىلغان. لېكىن 5 سائەتتىن 8 سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا، يەنە بىر قېتىم خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى بلوسېر ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقاچان ئۆز ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئويلىمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى: " بىز بۇ يىل 1‏- ئايدا خىتايغا بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرى بىلەن رەسمىي سۆھبەتتە بولغان ئىدۇق. سۆھبەت جەريانىدا، بىز ئۆزىمىزنىڭ بىر قىسىم تەلەپلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ تۈرمىدىكى مۇخبىرلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرىمىزگە ماقۇل بولغان ئىدى. لېكىن ئۇلار تا ھازىرغىچە تېخى ئۆز ۋەدىسىنى ئورۇندىمىدى."

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى باشقا خەلقئارا جەمئىيەتلەر بىلەن بىرلىكتە 8 تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويماقچى

خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشتا، ئولىمپىك خەلقئارا جەمئىيىتىگىمۇ نۇرغۇنلىغان ۋەدىلەرنى بەرگەنلىكىنى، لېكىن ئولىمپىك يىغىنىنى ئېچىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن يەنىلا ئۆز بىلگىنىنى قىلىپ يۈرگىنىنى تەكىتلەپ، " ھازىر مانا 2008 ‏- يىلى ئېچىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىغا يەنە بىر يىلدىن ئازراقلا ۋاقىت قالدى. لېكىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. شۇڭا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى باشقا خەلقئارا جەمئىيەتلەر بىلەن بىرلىكتە 8 تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مەزكۇر جايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشنى قاتتىق تەلەپ قىلماقچىمىز" دەپ بىلدۈردى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېدى: " بىز ھەرقانداق ئىشتا ئوچۇق ‏- ئاشكارا بولۇشنى خالايمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم دىئالوگ ئېلىپ بارساقمۇ بولىدۇ. لېكىن شۇنىسى ئېنىق بولسۇنكى، دىئالوگ ئېلىپ بېرىش بىلەن، تەنقىدنى توختىتىپ قويمايمىز. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقىنى داۋاملىق ھالدا ئېلىپ بارىدىكەن، ئۇنداقتا بىزمۇ ئىزچىل ھالدا ئۇلارنى تەنقىدلەيمىز."

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېچىلغان تور بەتنى تەكرار تاقىۋىتىشىدىكى سەۋەبلەر

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق خىتاي دىموكراتچىسى چەي زۇڭگو ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېچىلغان تور بەتنى تەكرار تاقىۋىتىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دۇنيادا ئەڭ داڭلىق ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مۇخبىرلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغداشتۇر."

چەي زۇڭگو ئەپەندى يەنە، "چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بولۇپمۇ خىتايدىكى ۋەزىيەتكە تېخىمۇ بەك كۆڭۈل بۆلمەكتە. ئۇلار بولۇپمۇ خىتايدا قولغا ئېلىنغان مۇخبىرلار مەسىلىسىدە شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى خالىغانچە توسىۋاتقانلىقى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىزچىل تەنقىدلەپ كەلگەن. خىتايدىكى مۇخبىرلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك مەزكۇر تەشكىلاتنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇنىڭ تەسىرى ھەقىقەتەن كۈچلۈك. ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە بولغان مەيدانى ھېچقاچان ئۆزگەرمىگەن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىدىن بەكمۇ ئېھتىيات قىلىدۇ،" دېدى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىم ئېلان قىلغان باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا ھازىر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تاقىۋىتىلگەن تور بەتلىرىنىڭ سانى نەچچە ئون مىڭدىن ئاشقان ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىلقى يىللىق دوكلاتىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىنتايىن ناچارلاشقانلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، " خىتاي ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى توسۇشتا، دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.