خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى تازا بوغۇلۇۋاتقان مىنۇتلاردا " مۇخبىرلار بايرىمى" تەبرىكلەندى
2007.11.09
2007- يىلى 8- نويابىر خىتايدا 8- قېتىملىق مۇخبىرلار بايرىمى تەبرىكلەنگەن بولۇپ، بۇ 2000 يىلى 8- نويابىر خىتايدا تۇنجى مۇخبىرلار بايرىمى تەبرىكلىگەندىن بۇيانقى 8 - قېتىمقى مۇخبىرلار بايرىمىدۇر. ئەمما -خىتايدا مۇخبىرلار بايرىمى تەبرىكلىنىۋاتقان مىنۇتلاردا، خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىك بارمۇ؟ مەزكۇر بايرامدا نېمە تەبرىكلەندى؟ دېگەن سوئاللار ئىختىيارسىز خىيالىڭىزدىن كېچىپ ئۆتىدۇ.
8- نويابىر ئەتىگەن ئەتىگەن خىتايدىكى "مۇخبىرلارنى بايرىمى" كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ليۇ جىيەنچاۋ بېيجىڭدا مۇخبىرلار كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتايدا مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن ئاخبارات ئىگىلەش ئىشلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرلار: " ھەر دائىم نازارەت قىلغۇچىلارنىڭ قارا كۆلەڭگىسى ئەتراپىڭىزدا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىسىز"
رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خىتاي مۇخبىرنىڭ بىلدۈرگەنلىرى ليۇ جىيەنچاۋنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئايىت رېئاللىققا ئانچە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. مەزكۇر خىتاي مۇخبىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئىچىدە ھۆكۈمەت ئاڭلاشنى خالىمايدىغان نۇقتىلاردا تۇرۇپ خەۋەر بېرىدىغان ئاخباراتچىلار بىخەتەرلىكى داۋاملىق تەھدىت ئاستىدا ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش ھۆكۈمەت ئاڭلاشنى خالىمايدىغان تەرەپتە تۇرۇپ خەۋەر بېرىدىغان مۇخبىرلار، ھەر دائىم نازارەت قىلغۇچىلارنىڭ قارا كۆلەڭگىسىنىڭ ھۆكۈمەت كۈچلىرى ۋە قارا جەمئىيەت ئارقىلىق ئەتراپىڭىزدا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىسىز. مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا، كۆپىنچە ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى مۇخبىر تەرەپتە تۇرمايدۇ. مېنىڭ بىر نەچە دوستلىرىمۇ شۇنداق ئەھۋالغا يولۇقتى."
ئۇ يەنە مۇخبىرلارنىڭ باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى، ئەمما مۇخبىرلارنىڭ ھوقۇقى دەخلىگە ئۇچرىسا، ھېچكىمنىڭ ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىر ھۆكۈمەت مۇخبىرى ": مەندە بۇنداق بايراملار ھەققىدە ھېچقانداق تونۇش يوق"
ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ئورگانلىرى بەرگەن مۇخبىرلار بايرىمى ھەققىدىكى خەۋەرلەردە خىتايدا مۇخبىرلارنىڭ قەدىرلىنىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك تەلەپ ھەر خىل مەلۇماتلارنى تارقىتىۋاتقان پەيتلەردە، بىز، بۇ ھەقتە ھازىر خىتايدا مۇخبىرلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاخبارات خادىمىنىڭ ئۆز بايرىمىغا قانداق قارايدىغانلىقى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن خىتاي شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا تېلېفون ئۇردۇق.
" مۇخبىرلار بايرىمى" سىز ئۈچۈن قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ سورىغان سۇلتانىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان ھۆكۈمەت ئاخبارات خادىمى: "ئەڭ ياخشىسى سىز ئاگېنتلىقىمىز بۈگۈن ئېلان قىلغان ماقالغا قاراپ بېقىڭ" دەپ جاۋاب بەردى.
- بۈگۈن سىلەر مۇخبىرلار بايرىمىنى تەبرىكلىدىڭلار. بۇ بايرام خىتايدىكى مۇخبىرلار ئۈچۈن قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟
- ئەڭ ياخشىسى سىز شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان ماقالغا قاراڭ. بۈگۈن كۆرەلەيسىزغۇ دەيمەن.
- سىز بۇ بايرامغا قانداق قارايسىز؟
- مەن بۇنىڭغا باشقىچە قاراپ كەتمەيمەن.
- بۇ ئەسلى سىلەرنىڭ بايرىمىڭلار ئەمەسمىدى؟
-شۇنداق.
- سىزدە بۇ بايرامغا نىسبەتەن ھېچقانداق تونۇش ۋە ھېچقانداق تەسىرات يوقمۇ؟
- ھېچقانداق تەسىرات يوق ھازىر بۇنداق بايراملار ھەققىدە بىزدە ھېچقانداق تونۇش يوق.
نېمە ئۇچۇن دەپ سورىغان سوئالىمىزغا ئۇ يەنە ئۇ "ھېچنېمە ئۇچۇن. چۈنكى ھازىر خىزمەت ئالدىراش. يېڭى يىل ۋە باشقا بايراملارغىمۇ چولىسى تەگمىگەن يەردە بۇنداق بايراملارغا ئانچە قىلىپ كەتمەيمىز"دەپ جاۋاب بەردى ۋە سوئاللىرىمىزغا ئىزچىل جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
ھازىر خىتايدا ئونلىغان مۇخبىر تۈرمىدە ياتماقتا
ۋەھالەنكى، يۇقىرىدا بىز سۆزلەشكەن ھۆكۈمەت مۇخبىرىغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئەھمىيەتكە ئىگە بولمىغان "مۇخبىرلار بايرىمى"ئۆز كەسپى ئۈچۈن تۈرمىدە يېتىشقا مەجبۇر بولغان نۇرغۇن يازغۇچى ۋە مۇخبىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەلەمكەشلەر بۇ بايرام باشقىچە مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ، ئەپسۇسكى ئۇلار ئۆز بايرىمى تەبرىكلىنىۋاتقان مىنۇتلاردا خىتاي تۈرمىسىدە ئازاب چەكمەكتە.
دەرۋەقە ھازىر خىتايدا ئونلىغان مۇخبىر تۈرمىدە يېتىۋاتقان بولۇپ، باش شتابى پارىژغا جايلاشقان "چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ" ئاخباراتىغا قارىغاندا ھازىر خىتايدا 33 نەپەر مۇخبىر تۈرمىدە يېتىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلى يېڭىدىن يەنە نۇرغۇن مۇخبىرلار زوراۋانلىققا ئۇچرىغان ۋﯤ بىر مۇخبىر ھاياتىدىن ئايرىلغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى": خىتاي ۋەدىسىدە تۇرمىدى"
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتايغا 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىگە ساھىبخانا بولۇش ھوقۇقىنى بېرىشىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتكە "ئاخباراتقا قارىتىلغان چەكلىمىنى ئېلىپ تاشلاش" ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسى مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن ئىدى 2001 - يىلى، خىتاي ئولىمپىك ساھىبخانلىقىنى تالىشى كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى ۋاڭ ۋەي، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ، 2008 - يىلى خىتايدا ئەركىن ئاخبارات ئېلىپ بارالايدىغانلىقى ھەققە ۋەدە قىلغان.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ يىل ئاۋغۇستتا بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئولىمپىك كومىتېتىغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى مىساللار بىلەن پاش قىلغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات يەنە 6 - نويابىر خەلقئارالىق ئولىمپىك كومىتېتىدىن خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى دەپسەندىچىلىكىگە ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
سوفىي رىچاردسون خانىم: ليۇ جىيەنچاۋنىڭ جاۋابى "ھەقىقەتەن كىملىكىڭىزنى قىستايدۇ"
ھالبۇكى، 6 - نويابىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلىپ بارغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ليۇ جىيەنچاۋ، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىغا رەددىيە بېرىپ: بۇنداق باھالارنى بېرىش كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىغا ئوخشاش تەشكىلاتلار ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارىدىغان ئىش ئەمەس" دېدى.
ليۇ جىيەنچاۋنىڭ سۆزلىرىنىڭ كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم، ھۆكۈمەتنىڭ شۇنداق ئەيىبلەشلەرگە بەرگەن جاۋابى "ھەقىقەتەن كىملىكىڭىزنى قىستايدۇ" دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: "ئۇ مۇخبىرلارنىڭ ئۆزى خالىغان تېمىدا خەۋەر بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان، ھەتتا يەنە، ئۆزى ماقۇللىغان بەلگىلىمىلەرگە ئۆزى رىئايە قىلمايدىغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئۇنىڭ خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئەيىبلەپ ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا نىسبەتەن بۇ يەردە چەتئەل ئاخبارات ھوقۇقى ئورگىنىنىڭ بىرنەرسە دەيدىغان ھوقۇق يوق دېيىشى بىر مۇغەمبەرلىك."
ئۇ بىلدۈرۈشىچە يەنە، خەلقئارا ئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتە خىتايغا يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتمىگەنلىكىنى، شۇڭا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتنىڭ خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان مەتبۇئات ئەركىنلىكى مەسىلىگە كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۇچۇن شۇ خىلدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلغانلىقنى بىلدۈردى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياخۇ ئىنتېرنېت شىركىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە شى تاۋنىڭ ئائىلىسىدىن ئەپۇ سورىدى
- دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى ئىزچىل قامال قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر ئاياللار ۋە بالىلار ئەتكەسچىلىكى توغرىسىدا ئىسپات بەردى
- رابىيە قادىر خانىم، 10 - نۆۋەتلىك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى
- ئەركىنلىك سارىيى: خىتايدا مۇستەبىتلىك تۈزۈمى دېموكراتىيە تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
- زامانىمىزدا خەلقنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى چەكلەش بىر تەتۈر ئېقىم
- خىتاي ھۆكۈمىتى مەتبۇئات كونتروللۇقىنى كۈچەيتمەكتە
- خىتاي دېموكراتلىرى ئەمدى چەتئەللەردە تۇرۇپ نېمە ئىش قىلالايدۇ؟
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش قانۇن لايىھىسى سۇندى
- چىگرىسىز مۇخبىرلار : خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسىنى ئورۇندىمىدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ ئاخبارات كونترولى سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
- قارشى ئېلىشقا ئېرىشىۋاتقان ئۇيغۇر تېلېۋىزىيىسى