خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبى: چەتئەللىك مۇخبىرلار داۋاملىق ئاۋارىگەرچىلىككە ئۇچرىماقتا


2007.12.31

خىتاي خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدىكى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. مەركىزى بېيجىڭدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا ، گەرچە خىتاي بۇ يىلنىڭ باشلىرى يولغا قويغان يېڭى ئاخبارات بەلگىلىمىسىدە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايدىكى ئاخبارات پائالىيىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتايدا خىزمەت قىلىدىغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ داۋاملىق ئاۋارىگەرچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ئاۋارىگەرچىلىك تۇغدۇرىدىغان ۋەقەلەر 180 قېتىم يۈز بەرگەن

خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى بۇ يىلنىڭ باشلىرى يولغا قويغان يېڭى ئاخبارات بەلگىلىمىسىدە خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئاخبارات توپلاش پائالىيىتىگە قارىتىلغان چەكلىمە بوشاشتۇرۇلۇپ، چەتئەللىك مۇخبىرلار خىتايدىكى خالىغان جاينى زىيارەت قىلسا ۋە خالىغان كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزسە رۇخسەت ئالمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن شۇنداقلا بۇ ئۆزگىرىش خىتاينىڭ 2008 - يىلى ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بېرىلسە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىمىز، دېگەن ۋەدىسىنىڭ بىر قىسىمى ، دەپ قارالماقتا ئىدى.

لېكىن خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئاخبارات توپلاش پائالىيىتىگە ئارىلىشىش، مۇخبىرلارغا ئاۋارىگەرچىلىك تۇغدۇرۇش، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە مۇخبىرلارغا توسالغۇ پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، 2007 - يىلى دائىرىلەر چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىزمىتىگە ئاۋارىگەرچىلىك تۇغدۇرىدىغان ۋەقەلەر 180 قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، بېيجىڭ ۋە خۇبېيغا ئوخشاش بەزى جايلاردا لۈكچەكلەر مۇخبىرلارنى ئۇرىدىغان، تەھدىت سالىدىغان ۋەقەلەر سادىر بولغان.

" تىبەت بىلەن شىنجاڭ ھازىرغا قەدەر چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ئېچىۋېتىلمىدى"

دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەتكە ئوخشاش سەزگۈر جايلار مۇخبىرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تەس رايونلار بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى بۇ جايلاردا يەرلىك دائىرىلەر چەتئەللىك مۇخبىرلارغا توسالغۇ ۋە ئاۋارىگەرچىلىك تۇغدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇخبىرلارنىڭ " تىبەت بىلەن شىنجاڭ ھازىرغا قەدەر چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ئېچىۋېتىلمىدى شۇنداقلا بۇ جايلاردا زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۈت. بۇ ئەھۋالدا ۋاڭ ۋېي ئەپەندى ئۆز ۋەدىسىنى بىجا كەلتۈردۈم، دىيەلەمدۇ ؟ " دېگەن پىكىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ۋاڭ ۋېي بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ، خىتاي 2001- يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تالاشقاندا ئۇ، ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بېرىلسە، ئولىمپىك جەريانىدا "ئاخبارات ئەركىنلىكى پۈتۈنلەي قويۇۋېتىلىدىغانلىقىنى" بىلدۈرگەن ئىدى.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر كۇلۇبنىڭ راي سىناش پائالىيىتىگە قاتناشقان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ %68 ى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاڭ ۋېينىڭ 2001 - يىلى بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىدى، دەپ قارىغان. مۇخبىرلارنىڭ %24 ى بولسا بۇ مەسىلىدىكى كۆز قارىشىنى ئېنىقسىز، دەپ جاۋاب بەرگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۆز ۋەدىسىدە تۇردى، دېگۈچىلەر راي سىناش پائالىيىتىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاران 6.8 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن. خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبىنىڭ رەئىسى مالىندا ليۇ، "مۇشۇ بىر يىل مابەينىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان يېڭى بەلگىلىمە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خەۋەر توپلاش شارائىتىنى ياخشىلىغان بولسىمۇ، لېكىن بىز بەزى جەھەتلەردە يەنىلا بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتىمىز " دەيدۇ.

دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئىلى بىلەن تىبەتكە زىيارەتكە بارغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ كەينىگە ئادەم قويۇلغانلىقىنى، تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ياكى زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سەزگۈر مەسىلىلەردە خەۋەر يازغان چەتئەللىك مۇخبىرلارغا تەھدىت سالغانلىقىنى ياكى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 2007 - يىلى 30 - ئاپرىلدا كانادا Globe and Mail گېزىتى مۇخبىرى جېفرىي يوركنى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل توغرىسىدىكى خەۋىرىدە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ دېلوسىغا گۇمانى قاراشلاردا بولغانلىقىنى ۋە خىتاي ئەدلىيە سېستىمىسىنىڭ ئادالىتىگە گۇمان بىلەن قارىغانلىقىدىن مەمنۇن بولمىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يېڭى بەلگىلىمە ئولىمپىك يىغىنى كېلەر يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەگەر بۇ بەلگىلىمىنىڭ خىتايغا زىيىنى تەگمەيدىغانلىقى كۆرۈلسە يەنە ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇلۇشى مۇمكىن.

" بىز يەنىلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارغا بېرىلگەن ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشىنى ساقلاۋاتىمىز "

يېقىندا خىتاي دۆلەت كابىنتى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ سەي پەمىلىلىك مەسئۇلى " يېڭى بەلگىلىمە 2008 - يىلى 18 ‏- ئۆكتەبىرگە قەدەر يولغا قويۇلىدۇ، دەيدىغان بىر بەلگىلىمە يوق " دېگەن ئىدى. مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە مۇخبىرلار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، سەينىڭ سۆزىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەزكۇر ئورگان ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى "ھازىرغا قەدەر بەرگەن نۇرغۇن ۋەدىلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرىلا خالاس " دەپ ئىنكاس بىلدۈرگەن ھەمدە "دائىرىلەر ئىشنى ئالدى بىلەن يېڭى بەلگىلىمىگە ھۆرمەت قىلىش بىلەن باشلاش كېرەك " دەپ تەكىتلىگەن.

خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبى ئاخبارات ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى جوسېيلىن فورد، خىتاي يېڭى ئاخبارات بەلگىلىمىسىنىڭ دائىمىيلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىغا بەرگەن باياناتىدا "سەينىڭ باياناتى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. ئەگەر خىتاي يېڭى بەلگىلىمىنى پەقەت مەلۇم مەزگىللىك ئۈچۈن ئىجرا قىلسا، بۇ مېنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن. لېكىن بىز يەنىلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا بېرىلگەن ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشىنى ساقلاۋاتىمىز " دەيدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.