بۈگۈن 7 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى مۇختەر تىلىۋالدى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇردى. مۇختەر تىلىۋالدى ئۈرۈمچىدىن بولۇپ، 1998 – يىلى گېرمانىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. ھازىرغا قەدەر گېرمانىيىنىڭ Meinz دېگەن شەھرىدە ياشاپ كەلگەن.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، مۇختەر تىلىۋالدىنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپى ئىزچىل رەت بولۇپ كەلگەن. سەۋەبى، ئۆزىنىڭ سىياسىي سالاھىيىتىگە گېرمانىيە دائىرلىرىنى ئىشەندۈرەلمىگەن. تەخمىنەن 2001 – يىلى ئاخىرقى قېتىم رەت كەلگەندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر، گېرمانىيىدە قانۇنسىز ياشىغان. ئولتۇرۇم ئىجازەتنامىسىمۇ بولمىغان. گېرمانىيە سوت مەھكىمىلىرىگە نارازىلىق ئەرزىمۇ يازمىغان.
بۇندىن ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى، گېرمانىيە ساقچى دائىرىلىرى مۇختەر تىلىۋالدىنى تۇتۇپ، ئۇنى خىتايغا قايتىپ كېتىشنى رەت قىلغانلىق ۋە ھازىرغا قەدەر نوپۇزسىز ياشىغانلىق گۇناھى ئۈچۈن تۇرمىغا سولىغان. بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان د ئۇ ق خادىملىرى مەخسۇس ئادۋۇكات تۇتۇپ، ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلغان. بۇ ئىشقا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىمۇ ئارىلىشىپ، مۇختەر تىلىۋالدىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئورتاق كۈچ چىقارغان. ئەمما گېرمانىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاخىرقى قارارىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولمىغان.
مۇختەر تىلىۋالدى بۈگۈن گېرمانىيە ۋاقتى سائەت 12 بىلەن ئىككى نەپەر گېرمانىيە ساقچىسىنىڭ نازارىتىدە ئايرۇپىلان بىلەن بېيجىڭغا يولغا سېلنغان.
مۇختەر تىلىۋالدىنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللىنىش مۇمكىن بولغان ئەڭ ئاخىرقى چارە گېرمانىيە پىرېزدېنتىنىڭ ياكى پارلامېنتىنىڭ مەخسۇس سىياسەت بەلگىلەپ چىقارغان قارارىغا ئېرىشىش ئىكەن. ئەمما نۆۋەتتە بۇنىڭ مۈمكىنچىلىكى يوق ئىكەن.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلاڭ.